«مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر چارىسى لىۋىيە ھۆكۈمىتىنى قوللاش»

دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى لىۋىيەدە مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر چارىسىنىڭ قانۇنلۇق ھۆكۈمەتنى قوللاش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1457979
«مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر چارىسى لىۋىيە ھۆكۈمىتىنى قوللاش»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى ئەلى مۇھيىددىن ئەلقاراداغى، تەشكىلاتنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «لىۋىيە تېرروتېرىيەسىنى كونترول قىلىۋاتقان پۇقراۋى بىر ھۆكۈمەت بولغانلىقى ئۈچۈن، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر چارىسى، خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىۋاتقان قانۇنلۇق ھۆكۈمەتنى قوللاشتۇر. بىر قىسىم ياۋروپا ئەللىرى لىۋىيە كىرىزىسىدە زىددىيەتلىك پوزىتسىيەلەرنى تۇتۇۋاتىدۇ. جۈملىدىن، ئۇلار قارىماققا رۇسىيەنىڭ لىۋىيەدىكى مەۋجۇدىيىتىگە قارشى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقاندەك قىلغىلى بىلەن، ئەمەلىيەتتە، ھەربىي جەھەتتىن ۋە ياللانما ئەسكەرلەرنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق رۇسىيە ياردەم بېرىۋاتقان ۋە رۇسىيەنىڭ بىر لايىھەسى بولغان ھەفتەرنى قوللاۋاتىدۇ.»

ئىگىلىنىشىچە، رۇسىيە قىرىمنى قانۇنسىز بېسىۋالغان ۋە موسكۋا  ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى بۆلگۈنچى گۇرۇپپىلارنى قوللىغان مەزگىلدە دائىم دېگۈدەك ئىسمى تۇيۇلغان ۋاگنېر، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتلىرىغا ئاساسلانغاندا، مىڭدىن ئارتۇق ياللانما ئەسكىرى بىلەن، لىۋىيەنىڭ شەرقىدىكى قانۇنسىز كۈچلەرنىڭ رەھبىرى ھەفتەر ئۈچۈن ئۇرۇش قىلماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر