لىۋىيە ب د ت دىن ئېمبارگو كومىتېتى يىغىنى چاقىرىلىشىنى تەلەپ قىلدى

لىۋىيە ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە، پايتەخت ترابلۇسقا قارىتىلغان ھۇجۇملارنى قوللاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا ئېمبارگو كومىتېتى يىغىنى چاقىرىلىشى توغرۇلۇق ئىلتىماس سۇندى.

1456863
لىۋىيە ب د ت دىن ئېمبارگو كومىتېتى يىغىنى چاقىرىلىشىنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مۇھەممەد ئەلقەبلاۋى، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە، مۇشۇ ئاي ئىچىدە لىۋىيە مۇتەخەسسىسلەر ھەيئىتى ۋە ئېمبارگو كومىتېتى يىغىنى ئۆكۈزۈلۈشى ئۈچۈن رەسمىي تەلەپ سۇنغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يىغىنغا، قورال – ياراغ ئېمبارگوسىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى بىلەن چېتىشلىقى بار بولغان ۋە لىۋىيەنىڭ شەرقىدىكى قوراللىق كۈچلەرنىڭ رەھبىرى خەلىفە ھەفتەرگە قاراشلىق خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ 2019 – يىلى ئاپرېلدىن بۇيان ترابلۇسقا قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىنى قوللاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭمۇ قاتنىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنغۇچىلارغا، ياللانما ئەسكەرلەرگە ۋە خەلق ئەسكەرلىرىگە ياردەم بەرگەن ۋە بېرىۋاتقان دۆلەتلەرنى پاش قىلىش مەقسىتىدە شۇنداق تەلەپتە بولدۇق.»

لىۋىيە ئارمىيەسى پايتەخت ترابلۇسنى قولغا كىرگۈزۈش مەقسىتىدە 2019 – يىلى ئاپرېل ئېيىدا ھۇجۇم باشلاتقان ھەفتەر كۈچلىرىگە قارشى يېقىندىن بۇيان ئارقىمۇئارقا غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنىدى.

ھۆكۈمەتكە قاراشلىق كۈچلەر، ئالدىنقى ئاي ترابلۇس ۋىلايىتىنىڭ چېگرا لىنىيەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەتنىڭ غەربىدىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ مۇھىم ئىقتىسادىي ۋە قاتناش مەركەزلىرىدىن ھەفتەر كۈچلىرىنى قوغداپ چىقارغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر