ترامپ خىتايغا قارىتا تاشلىنىدىغان يېڭى قەدەملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا يولغا قويۇلغان «دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى» سەۋەبىدىن خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىش نىشان قىلىنغان قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى.

1455377
ترامپ خىتايغا قارىتا تاشلىنىدىغان يېڭى قەدەملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترامپ، ئاقسارايدا خوڭكوڭ مەسىلىسىدە خىتايغا قارىتا تاشلىنىدىغان يېڭى قەدەملەر ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىغا خىتاينىڭ <دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى> نى ئېلىپ كەلگەن خىتاي دائىرىلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان بارلىق بانكىلارغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈلۈشىنى نىشان قىلىدىغان قانۇن لايىھەسى، دۆلەت مەجلىسىدە كۆپ سانلىقنىڭ قوللاپ ئاۋاز بېرىشى نەتىجىسىدە تەستىقلاندى.  بۈگۈن مەنمۇ خىتاينى خوڭكوڭ خەلقىگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرى سەۋەبىدىن جاۋابكارلىققا تارتىش  نىشان قىلىنغان قانۇن لايىھەسى ۋە پىرېزىدېنت قارارنامىسىنى ئىمزالىدىم. پىرېزىدېنت قارارنامىسى خوڭكوڭنىڭ ئەركىنلىكىنى تارتىۋالغان شەخسلەر ۋە ئورۇنلارنى جاۋابكارلىققا تارتىشىمىزدا بىزنى يېڭى ۋاسىتىلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.»

ئۇ، خوڭكوڭنىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى ۋە خوڭكوڭنىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «خوڭكوڭ خەلقىنىڭ ئەركىنلىكلىرى تارتىۋېلىندى، شۇڭا، نۆۋەتتە خوڭكوڭلۇقلار ئەركىن بازاردا رىقابەتلىشەلمەيدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ خوڭكوڭنى تەرك ئېتىشىدىن گۇمانلىنىۋاتىمەن.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن خوڭكوڭنىڭ ناھايىتى كۆپ خىزمەتلەرنى ئىشلىگەنلىكىنى ۋە خوڭكوڭغا كۆپ جەھەتتىن ئىمتىيازلىق ھوقۇقى بېرىلگەنلىكىنى قەيت قىلغان ترامپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «خوڭكوڭغا ئىمتىيازلىق ھوقۇقى بېرىپ، ئالاھىدە مۇئامىلە قىلىشىمىزغا خاتىمە بېرىدىغان بىر قارارنامىنى ئىمزالىدىم. خوڭكوڭ ئەمدى خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن ئوخشاش مۇئامىلە كۆرىدۇ، ئىمتىيازلىق ۋە ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنمايدۇ.»

يەنە بىر تەرەپتىن، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان خۇاۋېينى 5G  سىستېمىسىدىن چىقىرىۋېتىش قارارىدىنمۇ تولىمۇ خۇرسەن ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ترامپ، خۇاۋېينىڭ بىخەتەر ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىلەن دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىمۇ «خىتاينىڭ قورچىقى» دەپ ئاتاپ مۇنداق دېدى: «<ۋۇخەن ۋىرۇسى> نى يوشۇرغانلىقى ۋە پۈتكۈل دۇنياغا تارقاتقانلىقى سەۋەبىدىن خىتاينى تولۇق جاۋابكارلىققا تارتىمىز. دەرۋەقە، خىتاي ئەڭ باشتىلا بۇ يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايتتى، ئۆز ۋاقتىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تېخىمۇ قولاي بولاتتى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر