بەششار ئەسەد قىسىملىرى ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلىپ، پۇقرالارنى ئۆلتۈرۈشنى يەنە باشلىدى

بەششار ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ئىدلىب جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونىدىكى ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلىپ،تۇرالغۇ رايونى ۋە ئالدىنقى سەپ لېنىيەلىرىگە قىلغان ھۇجۇمىدا، بىر كىچىك بالا بىلەن قوشۇلۇپ، ئىككى پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى.

1455385
بەششار ئەسەد قىسىملىرى ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلىپ، پۇقرالارنى ئۆلتۈرۈشنى يەنە باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەششار ئەسەد قىسىملىرى ۋە ئىران قوللاۋاتقان چەت ئەللىك تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرىدىن تەشكىل تاپقان ھاكىمىيەت كۈچلىرى (جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن تەرىپىدىن رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا) 5 - مارت ئىمزالانغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، توپ ۋە راكېتامىيوتلار بىلەن ئىدلىب جىددىيلىكنى پەسەيتىش رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى جەبەل زاۋىيەگە قاراشلىق يېزىلارغا ھۇجۇم قىلدى.

ئىدلىب پۇقرالارنى مۇداپىئە قىلىش گۇرۇپپىسى (ئاق قالپاقلىقلار) مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ئەرىخا ناھىيەسىگە قىلغان ھۇجۇمىدا، بىر كىچىك بالا بىلەن قوشۇلۇپ، 2 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلغان.

ھەربىي ئۆكتىچىلەرگە تەۋە ئايروپىلانلارنى كۆزىتىش ئۆيىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىمۇ ئەلبارا، كافەراۋىد، بىننىن يېزىلىرىغا شۇنداقلا لازىقىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان كىبيەنە يېزىسىغا كەم دېگەندە 10 قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر