ئىراق تۈركىيەنىڭ تېببىي لازىمەتلىكلەر ياردەم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى
ئىراق ھۆكۈمىتى تۈركىيە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەشتە ئەۋەتكەن تېببىي لازىمەتلىكلەرنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى جاكارلىدى.
1454770
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، باغداد ھۆكۈمىتى ماسكا ، قوغدىنىش كىيىمى، يۈز قالقىنى ۋە ئوپېراتسىيە مەقسىتىدە ئىشلىتىلىدىغان چوڭايتىش ئەينىكى قاتارلىق تەخمىنەن 1 مىليون تېببىي لازىمەتلىكنى تاپشۇرۇۋالغان.
تۈركىيە ئىراققا ئىيۇل ئېيىنىڭ باشلىرىدىمۇ تېببىي لازىمەتلىكلەر ياردەم قىلغانىدى.