مالايشىيا: ئاراكانلىق مۇساپىرلارنى قايتۇرۇۋېتىش پىلانىمىز يوق

مالايشىيا باش مىنىستىرى مۇھيىددىن ياسىن، ئۆتكەن ئاي دېڭىز يولى ئارقىلىق مالايشىياغا كەلگەن ئاراكانلىق مۇساپىرلارنى قايتۇرۇۋېتىش پىلانىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتتى.

1454695
مالايشىيا: ئاراكانلىق مۇساپىرلارنى قايتۇرۇۋېتىش پىلانىمىز يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پارلامېنتتىكى بىر يىغىن جەريانىدا ئىيۇن ئېيىدا دۆلەت تەۋەلىكىگە قانۇنسىز يوللار بىلەن كىرگەن 300 گە يېقىن ئاراكانلىق مۇساپىرنىڭ ئاقىۋېتىگە مۇناسىۋەتلىك بىر سوئالغا جاۋاب بەرگەن مۇھيىددىن ياسىن، مۇساپىرلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ۋە ئۈنۈملۈك چارە تېپىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ھۆكۈمىتىمىزنىڭ مۇساپىرلارنى ئوچۇق دېڭىزلارغا قايتۇرۇۋېتىشتەك بىر پىلانى قەتئىي بولمىدى. نۆۋەتتە پەقەت دۆلىتىمىزگە كەلگەن مۇساپىرلارنىڭ ئىچىدە ئادەم ئەتكەسچىلىكى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش جىنايەتلەرگە ئارىلاشقانلارنىڭ بار – يوقلۇقىنى تەكشۈرۈۋاتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان ئاساستا خەلقئارالىق مۇھاپىزەت ئاستىغا ئېلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن باش مىنىستىر مۇھيىددىن، «ب د ت بۇ جەھەتتە قەدەم تاشلىغان تەقدىردە، مۇساپىرلار قايتۇرۇۋېتىلمەيدۇ، ئانا ۋەتەنلىرىگە بىخەتەر قايتىشلىرى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىپ بولغۇچە مالايشىيادا تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېدى.

مالايشىيا، 9 – ئىيۇندا لاڭكاۋى ئارىلىغا دېڭىز يولى ئارقىلىق كىرگەن 269 ئاراكانلىق مۇساپىرنى نازارەت ئاستىغا ئېلىغان، بۇ ۋەقە يۈز بېرىپ 3 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن يەنە 300 نەپەر ئاراكانلىق مۇساپىر مالايشىياغا كىرىشكە تەمشىلىۋاتقان پەيتتە قايتۇرۇۋېتىلگەنىدى.

مۇساپىرلار قايتۇرۇۋېتىلگەن ۋە بەزىلىرى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغاندىن كېيىن كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، مالايشىيانى ئاراكانلىق مۇساپىرلار مەسىلىسى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇپ بىر بايانات ئېلان قىلغانىدى.

خەلقئارانىڭ نارازىلىقىدىن كېيىن مالايشىيا مۇداپىئە مىنىستىرى ئىسمائىل سابرى ياقۇب، دۆلەتكە قانۇنسىز يوللار بىلەن كىرىشكە ئۇرۇنغان ئاراكانلىق مۇساپىرلارنى قايتۇرۇۋېتىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر