ئامېرىكا: «لىۋىيە ئىقتىسادىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلارغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدۇ»

لىۋىيە دۆلەتلىك نېفىت ئىدارىسى (NOC) دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى قانۇنسىز قوراللىق كۈچلەرنىڭ رەھبىرى خەلىفە ھافتەرنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى نېفىت ئىشلەپچىقىرىشىنى ۋە ئېكسپورتىنى توختىتىپ قويغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

1453906
ئامېرىكا: «لىۋىيە ئىقتىسادىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلارغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيەدە نېفىت چىقىرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش، تارقىتىش ۋە ئېكسپورت قىلىشتا بىردىنبىر ھوقۇقلۇق ئورگان ھېسابلىنىدىغان لىۋىيە دۆلەتلىك نېفىت ئىدارىسى(NOC)، خەلىپە ھافتەرنىڭ بەزى شەرتلەر ئورۇندالمىسا، نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىپ قويىدىغانلىقى ھەققىدىكى باياناتى ئۈستىدە توختىلىپ، نېفىت ئىدارىسىنىڭ ئېكسپورتىغا كېلىشىملەرنىڭ تەقەززالىرىنى چەكلىك ھالغا كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە دۆلەت مىقياسىدا نېفىت ئېكسپورت ئۈچۈن كۈچ ئىشلىتىشكە مەجبۇر قالغانلىقىنى، يەنى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ توختىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

لىۋىيەدە 10 - ئىيۇلدا، سىدرا پورتىدا بىر خام نېفىت پاراخوتىغا نېفىت قاچىلاش بىلەن نېفىت ئېكسپورتىنىڭ باشلانغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا يەنە: «خەلىپە ھافتەرنىڭ قوراللىق قىسىملىرى 11 - ئىيۇل ئېكسپورتنى توختىتىش بۇيرۇقى چۈشۈردى ۋە سۆھبەتتىكى ھەمكارلىق پوزىتسىيەسىدىن يېنىۋالدى. ھافتەرگە ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىش ھەققىدىكى بۇيرۇقىنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەرىپىدىن بېرىلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى» دېيىلدى.

باياناتتا، ھافتەرنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىلىشقا توسقۇنلۇق قىلغانلىقى ئەيىبلىنىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بۇنىڭدا جاۋابكارلىقى بار دۆلەتلەردىن ھېساب ئېلىشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىندى. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ ئارقا - ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، لىۋىيەدە نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى باشلاش تىرىشچانلىقىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن تۇرۇقلۇق، بۇنداق قەدەملەرنى تاشلىشىنىڭ ئۈمىدسىزلىك پەيدا قىلغانلىقىنى تەكىتلەندى.

باياناتتا، رۇسىيە بىخەتەرلىك شىركىتى ۋاگنېرگە قاراشلىق سۈرىيەلىك ياللانما ئەسكەرلەرنىڭ سىدرا پورتىنى ئىشغال قىلىۋالغانلىقى ۋە سۇدانلىق ياللانما ئەسكەرلەرنىڭمۇ شېرارە نېفىتلىكىگە يېقىن جايغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى ۋە بارلىق ياللانما ئەسكەرلەرنىڭ لىۋىيەدىكى نېفىت بازىلىرىدىن چېكىنىشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىندى.

بۇ جەرياندا، ئامېرىكانىڭ تىرىپولىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا: «ئەلچىخانىمىز، تاشقى كۈچلەرنىڭ لىۋىيە دۆلەتلىك نېفىت ئىدارىسى (NOC) نىڭ ھايات - ماماتلىق ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش تىرىشچانلىقىغا توسقۇنلۇق قىلىشىدىن قاتتىق بىئارام بولماقتا. بۇ ئۇرۇنۇشلار لىۋىيەدىكى توقۇنۇش خەۋپىنى ئاشۇرماقتا» دېيىلدى.

باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى:

«رۇسىيەنىڭ ۋاگنېر ياللانما ئەسكەرلىرىنىڭ لىۋىيە دۆلەتلىك نېفىت ئىدارىسى (NOC) غا تەۋە مۇئەسسەسەلىرىگە قىلغان ھۇجۇمى شۇنداقلا باشقا دۆلەت پايتەختلىرىدە لايىھەلەنگەن ۋە (خەلىپە ھافتەر رەھبەرلىكىدىكى) ئاتالمىش ​​لىۋىيە مىللىي ئارمىيەسى يوللىغان زىددىيەتلىك ئۇچۇرلار، تېخىمۇ بىخەتەر ۋە گۈللەنگەن كەلگۈسى ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بارلىق لىۋىيەلىكلەرگە زىيان يەتكۈزدى.»

 

ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ قوراللارنى تاشلاپ، تاشقى كۈچلەرنىڭ كونتروللۇقىنى رەت قىلىدىغان ۋە ھەل قىلىش چارىسىنىڭ بىر پارچىسى بولۇش ئۈچۈن تىنچ سۆھبەتتە ئۇچرىشىشنى خالايدىغانلارغا ئىشىكىنىڭ ھازىرمۇ ئوچۇق ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن باياناتىدا يەنە، «لېكىن، لىۋىيە ئىقتىسادىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار ۋە ھەربىي جىددىيلىكنى كۈچەيتكەنلەر يالغۇز قالدۇۇىلىدۇ ۋە ئېمبارگو خەۋپىگە دۇچار قىلىنىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر