ئامېرىكادا ساقچىلارغا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

ئامېرىكانىڭ تېكساس ئىشتاتىغا قاراشلىق ماكاللېن شەھىرىدە ئىككى ساقچى قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ قازا قىلدى.

1453538
ئامېرىكادا ساقچىلارغا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماكلېن ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋىكتور رودرىگۇز ئىككى ساقچى مەمۇرىنىڭ كەلگەن مەلۇماتقا بىنائەن تەكشۈرۈشكە بارغان ئۆيدە، قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۇردى.

رودرىگۇز ئىككى ساقچىنىڭ نەق مەيداندا جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە ھۇجۇمچى ئالدون كارامىللونىڭ بولسا، ساقچىلارنى ئاتقاندىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقىنى بايان قىلىپ، كارامىللونىڭ جىنايى ئارخىپى بارلىقىنى شۇنداقلا قوراللىق ھۇجۇم ۋە زەھەرلىك چېكىملىككە چېتىشلىق جىنايەتلىرى سەۋەبىدىنمۇ ئىزدىلىۋاتقان گۇماندار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر