ترامپ «نافتا»غا «ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ئەڭ ناچار كېلىشىمى» دەپ باھا بەردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، دۆلىتى بىلەن كانادا ۋە مېكسىكا ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان «شىمالىي ئامېرىكا ئەركىن سودا كېلىشىمى» (نافتا – NAFTA) گە «ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ناچار كېلىشىم» دەپ باھا بەردى.

1451934
ترامپ «نافتا»غا «ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ئەڭ ناچار كېلىشىمى» دەپ باھا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترامپ بىلەن مېكسىكا پرېزىدېنتى ئاندرېس مانۇئېل لوپېز ئوبرادور ئاقسارايدا ئۆتكۈزگەن ئايرىم ئۇچرىشىشىدىن كېيىن،  ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا «دوستلۇق خىتابنامىسى» ئىمزالىدى.

ئامېرىكا بىلەن مېكسىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ياخشى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان ترامپ ئامېرىكا-مېكسىكا-كانادا كېلىشىمىنىڭ 1 – ئىيۇلدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ،  ئۆزىنىڭ پات يېقىندا كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدو بىلەنمۇ كۆرۈشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ، ئامېرىكا – كانادا – مېكسىكا كېلىشىمىنىڭ مەزكۇر ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن شىمالىي ئامېرىكا ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، «شىمالىي ئامېرىكا ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ناچار كېلىشىملەرنىڭ بىرى ئىدى. ئەمدى ئۇنىڭ ئورنىنى يېپيېڭى ۋە ياخشى بولغان ئامېرىكا – كانادا – مېكسىكا كېلىشىمى ئالدى. بۇ كېلىشىم نۇرغۇن ئەۋزەللىكلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇ خەلقئارادا ھاسىل قىلىنغان ئەڭ ياخشى كېلىشىم» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر