خەۋپسىزلىك كېڭىشى رۇسىيەنىڭ «سۈرىيە لايىھەسى»نى رەت قىلدى

رۇسىيەنىڭ سۈرىيەگە خەلقئارا ياردەم يەتكۈزۈش مېخانىزمىغا دائىر قارار لايىھەسىنى رەت قىلغاندىن كېيىن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە سۇنغان «مۇددىتى ئالتە ئايلىق پەقەت بىرلا چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق ياردەم يەتكۈزۈش» تەكلىپى رەت قىلىندى.

1451940
خەۋپسىزلىك كېڭىشى رۇسىيەنىڭ «سۈرىيە لايىھەسى»نى رەت قىلدى
bmgk.jpg
BMGK - Birleşmiş Milletler Güvenlik Konseyi.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تۈنۈگۈن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە تۈركىيەنىڭ ئىككى چېگراسى ئارقىلىق سۈرىيەگە ئىنسانىي ياردەم يەتكۈزۈپ بېرىشنى مەزمۇن قىلغان 10 – ئىيۇلدا مۇددىتى ئاخىرلىشىدىغان قارارنامەنىڭ يېڭىلىنىشىغا قارشى چىقىپ، كېڭەشكە ئۆزىنىڭ لايىھەسىنى سۇندى.

رۇسىيەنىڭ سۈرىيەگە تۈركىيەنىڭ جىلۋەگۆزۈ چېگرا ئېغىزىنىڭ ئۇدۇلىدىكى بابۇلھاۋا ئارقىلىق پەقەت 6 ئاي بويىچە خەلقئارا ياردەملەرنىڭ يەتكۈزۈلۈشىنى تەۋسىيە قىلغان قارار لايىھەسى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئېرىشىشى كېرەك بولغان 9 ئاۋازغا ئېرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن رەت قىلىندى.

قارار لايىھەسىنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، فىرانسىيە، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، بېلگىيە، ئېستونىيە ۋە دومىنىك جۇمھۇرىيىتى رەت قىلدى، تۇنىس، نىگېر، ھىندونوزىيە ۋە سائىنت ۋىنسېنت ئاۋاز قاتناشتۇرۇشتىن چېكىندى، رۇسىيە، خىتاي، ۋىيېتنام ۋە جەنۇبىي ئافرىقا قوللىدى.

سۈرىيەگە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ نۆۋەتتىكى قارارىغا ئاساسەن پەقەت تۈركىيەنىڭ ئىككى چېگرا ئېغىرى (ئۆنجۈپىنارنىڭ سۈرىيە تەرىپىگە جايلاشقان بابۇسسەلام ۋە جىلۋەگۆزۈنىڭ ئۇدۇلىغا جايلاشقان بابۇلھاۋا) ئارقىلىقلا خەلقئارانىڭ ياردىمى يەتكۈزۈپ بەرگىلى بولاتتى.

رۇسىيە بىلەن خىتاي قارار لايىھەسىنى رەت قىلغان بولغاچقا، 10 – ئىيۇلدىن باشلاپ باشقا بىر قارار ماقۇللانغىچە بولغان جەرياندا ياردەم ئاپتوموبىللىرى مەزكۇر ئىككى چېغرا ئېغىزىدىن ئۆتەلمەيدۇ ۋە 3 مىليون ئەتراپىدىكى سۈرىيەلىك ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان ياردەملەر توختاپ كېتىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر