گېبرېيېس: «يۇقۇم تېخى يۇقىرى پەللىسىگە كەلمىدى»

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى كوۋىد - 19 يۇقۇمنىڭ تېخى يۇقىرى پەللىسىگە يەتمىگەنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى.

1451090
گېبرېيېس: «يۇقۇم تېخى يۇقىرى پەللىسىگە كەلمىدى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش دىرېكتورى تېدروس ئادانوم گېبرېيۇس ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد -19) نىڭ تارقىلىشچانلىقى تېزلىشىۋاتىدۇ، بىز تېخى ئوچۇق ھالدا يۇقۇمنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە كەلمىدۇق» دېدى.

گېبرېيېس دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى مەركىزى ئىدارىسىدا سىنلىق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرىپ، يۇقۇمنىڭ تېز تارقىلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئەجەللىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

گېبرېيۇس يۇقۇم باشلىنىپ 3 ئايدىن كېيىن دۇنيادا يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 400 مىڭغا يەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «پەقەت مۇشۇ ھەپتە ئاخىرىدىلا ، دۇنيا مىقياسىدا 400 مىڭدىن ئارتۇق كىشى يۇقۇملاندى، ھازىر 11 مىليون 400 مىڭ يۇقۇملانغۇچىمىز بار ۋە 535 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قازا قىلدى.  يۇقۇم تېز سۈرئەتتە كۆپىيىۋاتىدۇ، بىز تېخى ئوچۇق ھالدا يۇقۇمنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە كەلمىدۇق. قارىماققا  دۇنيا بويىچە ئۆلۈم نىسبىتى تەڭپۇڭلاشقاندەك قىلسىمۇ، ھەمدە بەزى دۆلەتلەر ئۆلۈم نىسبىتىنى ئازايتىشتا ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، يەنە بەزى دۆلەتلەردە ئۆلۈم نىسبىتى ھازىرمۇ يۇقىرى ئۆرلىمەكتە» دېدى.

گېبرېيۇس ۋىرۇسنى سەل چاغلاشقا بولمايدىغانلىقىنى، ئىنتايىن ئېغىر مەسىلە ئىكەنلىكى ۋە ھېچقانداق دۆلەتنىڭ ئۇنىڭدىن بىخەتەر ئەمەسلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشتا بولدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر