پومپېيو خىتاينىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى مانېۋىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو، خىتاينىڭ، ئىگىلىك ھوقۇق دەتالاشلىرى بولۇۋاتقان جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

1448867
پومپېيو خىتاينىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى مانېۋىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مايك پومپېيو ئىجتىمائىي تاراتقو تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، خىتاينىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى ھەربىي مانېۋىرلىرىغا «ئېغىر قۇتراتقۇلۇق» دەپ باھا بېرىپ، ئامېرىكانىڭ بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ رايوندىكى «قانۇنسىز» دەۋالىرىغا قارشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ، بارلىق دۆلەتلەرنىڭ، جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى ۋە باشقا جايلاردا، كۈچلىرىدىن مۇستەقىل ھالدا ئىگىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىدىغان ئەركىن ۋە ئوچۇق بەلگىلىمىلەرنى قوللىشى لازىملىقىنى قەيت قىلدى.

ۋىيېتنام، 1 – 5 – ئىيۇن كۈنلىرى ئارىسىدىكى خىتاي ھەربىي مانېۋىرىنىڭ پاراسېل تاقىم ئاراللىرىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلغانلىقىنى، رايوندا تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە ھەمكارلىقنىڭ داۋاملاشتۇرۇلۇشىنى قىيىنلاشتۇرۇپ قويغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

فىلىپپىن بولسا، خىتايغا جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى ھەربىي مانېۋىرلىرى ئەسناسىدا فىلىپپىن دېڭىز تەۋەلىكىگە دەخلى قىلىپ قالغان تەقدىردە، «ئەڭ ئېغىر شەكىلدە نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقى»نى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر