شەرق دۆلەتلىرىدىكى ۋابا ھەققىدىكى يېڭى مەلۇماتلار

دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 525 مىڭ 120 مىڭدىن، يۇقۇملانغانلار سانى 11 مىليون 32 مىڭدىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 6 مىليون 184 مىڭدىن ئاشتى.

1448225
شەرق دۆلەتلىرىدىكى ۋابا ھەققىدىكى يېڭى مەلۇماتلار
Covid Süper.jpg
süper Covid-19

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستاندا يېقىنقى 24 سائەتتە 391 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشى بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار 18 مىڭ 225 كە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 22 مىڭ 527 كىشىنىڭ يۇقۇملىنىشى بىلەن، بۇ سان 627 مىڭ 168 گە چىقتى.

خىتايدا سەھىيە كومىتېتىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، يېقىنقى 24 سائەتتە بەش كىشى يۇقۇملانغان. بۇلاردىن ئىككى كىشى بېيجىڭدا يۇقۇملانغان. بۇنىڭ بىلەن، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 83 مىڭ 542 گە چىققان.

خىتايدا يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم ۋەقەسى كۆرۈلمىگەن. خىتايدا ھازىرغىچە 4 مىڭ 634 كىشى ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغان. 78 مىڭ 499 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ياخشىلانغان.

جەنۇبىي كورېيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە 63 كىشى يۇقۇملانغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى توققۇز يۇقۇمنىڭ چەت ئەلگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. دۆلەتتە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋىرۇسقا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم ۋەقەسىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكى قەيت قىلىندى.

 جەنۇبىي كورېيەدە جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 12 مىڭ 967 گە، جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 282 گە چىقتى.

شىمالىي كورېيەدە بۈگۈنگىچە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق ۋەقە ئېلان قىلىنمىدى.  دۆلەت رەھبىرى كىم جوڭئۇن خەلققە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇشتا «يۇقىرى چەكتە دىققەت قىلىشنى» چاقىرىق قىلدى.

رۇسىيەدە 9 مىڭ 859 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى، 667 مىڭ 883 كىشى يۇقۇملاندى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 325 كە چىققان ئىسىرائىلىيەدە، يېقىنقى 24 سائەتتە 1 مىڭ 107 كىشى يۇقۇملاندى. بۇنىڭ بىلەن، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 27 مىڭ 542 گە چىقتى. ھۆكۈمەت ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇش دائىرىسىدە بەزى بەلگىلىمىلەرنى قايتىدىن يولغا قويدى.

ئالجىرىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن سەككىز كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشى بىلەن، جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار 928 گە چىقتى. 385 كىشىنىڭ يۇقۇملىنىشى بىلەن، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 14 مىڭ 657 گە چىقتى.

ئۇمماندا يېقىنقى 24 سائەتتە ئۈچ كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 1 مىڭ 361 كىشى يۇقۇملاندى. بۇنىڭ بىلەن، دۆلەتتە جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار 188 گە، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 42 مىڭ 555 كە چىقتى.

بەھرەيندە بىر كۈندە ئۈچ كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 656 كىشى يۇقۇملاندى. دۆلەتتە جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار 93 كە، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 27 مىڭ 414 كە چىقتى.

قاتاردىمۇ ئۈچ كىشى ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى، 894 كىشى يۇقۇملاندى. جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار 118 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 97 مىڭ 897 گە چىقتى.

يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن بىر كىشى جېنىدىن ئايرىلغان كۈۋەيتتە، يۇقۇملانغانلار سانى 919 كىشى كۆپىيىپ 47 مىڭ 859 غا چىقتى. دۆلەتتە جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار 359 غا چىقتى.

ماراكەشتە بىر كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشى بىلەن، ۋىرۇس سەۋەبىدىن جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 229 غا چىقتى، 333 كىشىنىڭ يۇقۇملىنىشى بىلەن جەمئىي سان 12 مىڭ 969 غا چىقتى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 50 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان تۇنىستا، ئۈچ كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنىڭ بايقىلىشى بىلەن، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 1 مىڭ 178 گە چىقتى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن توققۇز كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ئىيوردانىيەدە، ئۈچ كىشىنىڭ يۇقۇملىنىشى بىلەن، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 1 مىڭ 136 گە چىقتى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن بىر كىشى جېنىدىن ئايرىلغان بوتسۋانادا، 227 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى بىلدۈرۈلدى. بوتسۋانا پىرېزىدېنتى موغۋىتسى ماسىسى (Mokgweetsi Masisi) پىرېزىدېنتلىق ئىشخانىسىنىڭ بىر خادىمىدا ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ بايقىلىشى بىلەن، ئۆزىنى كارانتىن ئاستىغا ئالدى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 2مىڭ 749 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە، 168 مىڭ 61 كىشى يۇقۇملاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر