ھىندىستان ئارمىيە كۈچلەندۈرۈش، چېگرانى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن 5.2 مىليارد دوللار مەبلەغ ئاجراتتى

ھىندىستان مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ھۆكۈمەتنىڭ ھىندىستان ئارمىيەسىنى كۈچلەندۈرۈش، چېگرانى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن 5.2 مىليارد دوللار مەبلەغ ئاجراتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1448264
ھىندىستان ئارمىيە كۈچلەندۈرۈش، چېگرانى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن 5.2 مىليارد دوللار مەبلەغ ئاجراتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، ئارمىيەنىڭ ۋە چېگرالارنىڭ كۈچەيتىلىشى دائىرىسىدە رۇسىيەدىن 21 دانە مىگ-29 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە ھىندىستاننىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى بىر شىركەتتىن 12 دانە سۇخوئى سۇ-30 م.ك1 تىپلىق تىك ئۇچار ئايروپىلان قاتارلىق ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى سېتىۋېلىش پىلانىنىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتقا ئاساسلانغاندا، ئومۇمىي قىممىتى 5 مىليارد 200 مىليون دوللارغا يېتىدىغان ھەربىي لازىمەتلىكلەرنىڭ 4 مىليارد 100 مىليون دوللارلىق قىسمى ھىندىستاننىڭ يەرلىك شىركەتلىرىدىن سېتىۋېلىنىدىكەن .

يەنە بىر تەرەپتىن ھىندىستان 36 دانە رافالې تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىۋېلىش توغرىسىدا 2016 – يىلى فىرانسىيە بىلەن تۈزگەن كېلىشىمىنىڭ روھىغا ئاساسەن مەزكۇر ئايروپىلانلاردىن ئالتىسىنى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا تاپشۇرۇپ ئېلىشنى كۈتمەكتە.

ھىندىستان بۇ قەدەمنى خىتاي بىلەن گالۋان ۋادىسىدا يۈز بەرگەن چېگرا توقۇنۇشىدىن كېيىن تاشلىدى.

ھىندىستان خىتاي بىلەن ئۆزى ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش كۈچىيىپ كەتكەن شەرقىي لاداخقا قۇرۇقلۇقتىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى، زەمبىرەك ۋە تانكىلارنى ئورۇنلاشتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر