ئامېرىكادا فېۋرال ئېيىدىن تارتىپ ھەر كۈنى 33 كىشى ئۆلگەن

دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 514 مىڭ 629 دىن، يۇقۇملانغانلار سانى 10 مىليون 614 مىڭ 957 دىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 5 مىليون 824 مىڭ 883 تىن ئاشتى.

1447072
ئامېرىكادا فېۋرال ئېيىدىن تارتىپ ھەر كۈنى 33 كىشى ئۆلگەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋابانىڭ مەركىزىگە ئايلانغان ئامېرىكادا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 130 مىڭ 123 تىن، يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 2 مىليون 727 مىڭ 996 دىن ئاشتى.

ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەرنىڭ %25 ى يۈز بەرگەن بۇ دۆلەتتە، فېۋرال ئېيىدىن تارتىپ ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن ھەر كۈنى 33 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. دۆلەتلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش ئىنىستىتۇتىنىڭ دىرېكتورى فاۋجى (Fauci): «ھازىرقى يۇقۇمنىڭ يۈزلىنىشى توختىتىلمىغان ئەھۋالدا كۈنلۈك ۋەقە سانى 100 مىڭغا يەتسە، ھەيران قالمايمەن» دېدى.

مېكسىكا چېگراسىدىكى چېدىر لاگېرىدا ياشاۋاتقان كۆچمەنلەر ئارىسىدا تۇنجى قېتىم ۋۇخەن ۋىرۇسى بايقالدى.

دېموكراتلارنىڭ پىرېزىدېنت كاندىداتى جو بايدىن ۋۇخەن ۋىرۇسى مەزگىلىدە سايلام يىغىلىشلىرىنى ئۆتكۈزمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان ئىككىنچى دۆلەت بولغان بىرازىلىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە 1 مىڭ 280 كىشى ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 59 مىڭ 594 كە چىقتى.  ئوخشاش ۋاقىتتا، 33 مىڭ 846 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 1 مىليون 402 مىڭ 41 گە چىقتى.

مېكسىكادا يېقىنقى 24 سائەتتە جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 648 كىشى كۆپىيىپ 27 مىڭ 769 غا چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 5 مىڭ 432 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي سان 226 مىڭ 89 غا چىقتى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 43 مىڭ 730 كىشى جېنىدىن ئايرىلىپ، ياۋروپادا ۋابانىڭ مەركىزىگە ئايلانغان ئەنگلىيەدە، يېقىنقى 24 سائەتتە 155 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. ئوخشاش ۋاقىتتا 689 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 312 مىڭ 654 كە چىقتى.

ئىتالىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە 23 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 34 مىڭ 767 گە چىقتى. جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 15 مىڭ 563 كە تۆۋەنلىدى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 142 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى.

فىرانسىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە 30 كىشى ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 29 مىڭ 843 كە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا 541 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى ۋە جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 201 مىڭ 152 گە چىقتى.

ئىسپانىيە سەھىيە مىنىستىرى يېقىنقى بىر ھەپتىدە 20 كىشىنىڭ ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە جەمئىي ساننىڭ 28 مىڭ 355 كە چىققانلىقىنى؛ يېقىنقى 24 سائەتتە 99 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى ۋە جەمئىي ساننىڭ 249 مىڭ 271 گە چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى.

پورتۇگالىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە سەككىز كىشى ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 1 مىڭ 576 گە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا 229 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي سان 42 مىڭ 141 گە چىقتى.

كانادادا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 8 مىڭ 591 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 104 مىڭغا چىقتى.

كانادا ۋىرۇس سەۋەبىدىن 2020-يىلى 16-مارت باشلىغان چەت ئەللىكلەرنىڭ دۆلەتكە كىرىشىنى چەكلەش بەلگىلىمىسىنى 31-ئىيۇلغىچە ئۇزاتتى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 705 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 17 مىڭ 873 كىشى يۇقۇملانغان ئاۋستىرىيەدە، غەربىي بالقان دۆلەتلىرىدىكى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەرنىڭ كۆپىيىشى سەۋەبىدىن ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشىنى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە چىقاردى.

ئاۋستىرالىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋىكتورىيا ئىشتاتىدا 73، يېڭى گاللېر ئىشتاتىدا 14 كىشى بولۇپ جەمئىي 87 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى. ۋىرۇس سەۋەبىدىن 104 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان بۇ دۆلەتتە، بۇنىڭ بىلەن جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 7 مىڭ 834 كە چىقتى.

ۋىكتورىيا ئىشتاتىنىڭ مەركىزى مېلبورن شەھىرىدە بىر ھەپتىدىن بۇيان ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەرنىڭ كۆپىيىشى سەۋەبىدىن، بۇ ئىشتات بىلەن كۋىنسلەند (Queensland) ۋە جەنۇبىي ئاۋستىرالىيە ئىشتاتىنىڭ چېگرالىرىنىڭ تاقىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.  


خەتكۈچ: #ۋىرۇس , #ۋابا

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر