ئامېرىكا: ياۋروپادىكى قىسىملىرىمىز خىتايغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە باشقا رايونلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو، دۆلىتىنىڭ ياۋروپادىكى قىسىملىرىنى خىتايغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە باشقا رايونلارغا ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

1443528
ئامېرىكا: ياۋروپادىكى قىسىملىرىمىز خىتايغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە باشقا رايونلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇ، مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى تەتقىقات ئورگىنى «German Marshall Fund» تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا، خىتاينىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى تەسىر كۈچى ۋە پائالىيەتلىرى توغرۇلۇق توختالدى، ھەمدە خىتاينىڭ بولۇپمۇ ھىندىستان ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى مالايشىيا، ھىندونېزىيە، ۋېيتنام، فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەرگە جىددىي تەھدىت سېلىشقا باشلىغانلىقىنى، شۇ ۋەجىدىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ياۋروپادىكى كۈچلىرىنى مەزكۇر رايونغا يۆتكەشكە باشلىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ تەھدىتنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسىگە نەزەر تاشلىغاندىن كېيىن، ئۆز مەنبەلىرىمىزدىن قانداق پايدىلىشىمىزنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تونۇپ يەتتۇق. ياۋروپادىن يۆتكەپ، رايونغا ئورۇنلاشتۇرغان كۈچلىرىمىز، ئاخبارات ئورگانلىرى، ھاۋا ئارمىيەسى ۋە دېڭىز ئارمىيەسى كۈچلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن. خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىگە قارشى كۈرەشتە يېتەرلىك تەييارلىقلىرىمىزنى تاماملايمىز ۋە يېتەرلىك مەنبەيىمىزنىڭ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر