بەزى غەرب دۆلەتلىرىدىكى يۇقۇم ئەھۋالىغا ئالاقىدار مەلۇماتلار

دۇنيا مىقياسىدا ۋىرۇس سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 480 مىڭ 210 دىن، يۇقۇملانغانلار سانى 9 مىليون 376 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى، ساقايغانلار سانى 5 مىليون 100 مىڭغا يەتتى.

1442012
بەزى غەرب دۆلەتلىرىدىكى يۇقۇم ئەھۋالىغا ئالاقىدار مەلۇماتلار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 123 مىڭ 476 گە، يۇقۇملانغانلار سانى ئىككى مىليون 424 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا، مەلۇم رايونلاردىكى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغانلار سانىدا كۆپىيىش كۆرتۈلۈۋاتقانلىقى ھەمدە خەۋپنىڭ تېخىچە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈلدى.

يۇقۇمنىڭ ئەڭ كۆپ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئىككىنچى دۆلەت بىرازىلىيەدە، فېدېراتسىيە سوت مەھمىسى، پىرېزىدېنت جائىر بولسونارونىڭ خەلققە ئوچۇق ساھەلەردە ماسكا تاقىشىنى، ئەكسقچە بولغاندا كۈنىگە 2 مىڭ بىرازىلىيە رېئالى (تەخمىنەن 500 دوللار) ئەتراپىدا پۇل جازاسى بىلەن جازالاندۇرۇلۇشى توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقاردى. دۆلەتتە يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 52 مىڭ 771 گە ، يۇقۇملانغۇچىلار سانى بىر مىليون 151 مىڭ 479 غا يەتتى.

مېكسىكادا يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 793 كىشى  بىلەن قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 23 مىڭ 377 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 191 مىڭ 410 غا يەتتى.

يۇقۇمنىڭ ياۋروپادىكى مەركىزىگە ئايلانغان ئەنگلىيەدە، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 171 كىشىنى قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 42 مىڭ 927 گە ، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 316 مىڭ 210 غا يەتتى.

ئىتالىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 18 كىشىنى قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 34 مىڭ 675 كە يەتتى، بۇ  جەرياندا 122 كىشى يۇقۇملاندى.

فىرانسىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 57 كىشى  بىلەن قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 29 مىڭ 720 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 198 مىڭ 672 گە يەتتى.

ئىسپانىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەتتە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 14 كىشى  بىلەن قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانىنىڭ 28 مىڭ 325 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 246 مىڭ 752 گە يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

پورتۇگالىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 6 كىشىنى قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 1540 قا، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 39 مىڭ 737 گە يەتتى.

ۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 9 مىڭ 986 گە يەتكەن گېرمانىيەدە، رھېدا – ۋېدېنبرۈك يېزىسىدا تۆننېس گۆش زاۋۇتىدا ئىشلەيدىغان 1553 كىشىنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملىشىشى، قوشنا ۋارېندورف شەھىرىدىمۇ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى سەۋەبىدىن، قايتىدىن مارت ئېيىدا قوللىنىلغان تەدبىرلەرگە قايتىلدى.

21 – ئىيۇن ئېتىبارى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 1140 خادىمىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلدى، بۇلاردىن 28 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، ئۆلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خادىملىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتىگەن دۆلەت ياكى ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى ئىش بېجىرىش ئورنى، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن مارت ئېيىدىن بۇيان ۋىدېئو كونفېرانس ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلۇۋاتقان ھەپتىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرىنى قايتىدىن ئىشقا كىرىشتۈردى.

ئاۋسترالىيەنىڭ مېلبورنې شەھىرىدە يەنە بىر كىشىنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىشىدىن كېيىن، دۆلەتتە يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 103 كە يەتتى، يۇقۇملانغان 7492 ئاۋسترالىيەلىكتىن 6 مىڭ 915 ى ساقايدى.

بەزى غەرب ئەللىرىدىكى يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى تۆۋەندىكىچە:

بېلگىيەدە 9 مىڭ 713؛ كانادادا 8 مىڭ 545؛ پېرۇدا 8 مىڭ 404؛ شىۋېيتسىيەدە 5 مىڭ 161؛ چىلىدا 4 مىڭ 505؛ كولومبىيەدە 2 مىڭ 404.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر