ئىسپانىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىگە چېگراسىنى ئاچتى

دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 471 مىڭ 200 دىن، يۇقۇملانغانلار سانى 9 مىليون 73 مىڭ 969 دىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 4 مىليون 855 مىڭ 642 دىن ئاشتى.

1440721
ئىسپانىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىگە چېگراسىنى ئاچتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسپانىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى يېقىنقى بىر ھەپتىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 29 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار ساننىڭ 28 مىڭ 323 كە چىققانلىقىنى؛ بىر كۈندە يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ 141 كىشى ئاشقانلىقىنى ۋە جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ 246 مىڭ 272 گە چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 98 كۈن داۋاملاشقان جىددىي ھالەت تۈنۈگۈن (2020-يىلى 21-ئىيۇن) ئاخىرلاشقان ئىسپانىيەدە «يېڭى نورماللىشىش مۇساپىسى» باشلاندى. شەھەرلەر ئارا ساياھەت قويۇۋېتىلگەن يېڭى نورماللىشىشتا، ئاممىۋى سورۇنلاردا ماسكا تاقاش ۋە كىشىلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن 1.5 مېتىر ئارىلىق ساقلىشى مەجبۇرىي قىلىندى.

ئىسپانىيە جىددىي ھالەتنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن تەڭ، قوشنىسى پورتۇگالىيەدىن باشقا بارلىق ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىگە چېگراسىنى ئاچتى.

ئامېرىكادا ھازىرغىچە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 122 مىڭ 250 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 2 مىليون 356 مىڭ 715 كىشى يۇقۇملاندى.

ئىتالىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 24 كىشى ئېشىپ 34 مىڭ 634 كە چىقتى. بىر كۈندە 440 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى. يۇقۇملانغانلار سانى 20 مىڭ 972 گە تۆۋەنلىدى.

يۇقۇم سانى ۋە ئۆلۈم سانىدىكى مۇقىم تۆۋەنلەش سەۋەبىدىن 4- ۋە 18- مايدا قەدەممۇ قەدەم نورماللىشىشقا باشلىغان ئىتالىيەدە، نۇرغۇنلىغان مۇزىكانت ۋە سەنئەتچىلەر مىلانو دۇمو مەيدانىدا جىمجىت نامايىش قىلدى. قارا رەڭلىك كىيىم كىيىۋالغان مۇزىكانتلار ھۆكۈمەتتىن سەھنە سەنئەتلىرى ساھەسىنىمۇ نورماللىشىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلدى.

پورتۇگالىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئىككى كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 1 مىڭ 530 غا چىقتى. 292 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى ۋە جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 39 مىڭ 133 كە چىقتى.

بۇلغارىيەدە يېقىنقى بىر ھەپتىدە كۈنلۈك ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەر سانى 100 دىن كۆپ بولۇشى سەۋەبىدىن، ئۈستى يېپىق جايلاردا مەجبۇرىي ماسكا تاقاش بەلگىلىمىسىنى يولغا قويدى.

بۇلغارىيە سەھىيە مىنىستىرى كىرىل ئانانىيېۋ «يېڭى نورماللىشىش» دەپ ئاتىلىۋاتقان مەزگىلدە پۇقرالارنىڭ ئىجتىمائىي مۇساپە قائىدەلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا باشلىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئۈستى يېپىق جايلاردا ماسكا تاقاش ۋە 1.5 مېتىرلىق ئىجتىمائىي مۇساپە قائىدەلىرى قاتتىق تەكشۈرۈلىدۇ» دېدى.

ئاۋستىرالىيەنىڭ ۋىكتورىيا ئىشتاتىدا ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەرنىڭ كۆپىيىشىنىڭ ئىككى خانىلىق سانلارغا يېتىشى سەۋەبىدىن قاتتىق تەدبىرلەرنى ئىجرا قىلىش ۋاقتى 2020-يىلى 19-ئىيۇلغىچە ئۇزارتىلدى.

ئاۋستىرالىيەنىڭ ۋىكتورىيا ئىشتاتىدا ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەرنىڭ كۆپىيىشىنىڭ ئىككى خانىلىق سانلارغا يېتىشى سەۋەبىدىن قاتتىق تەدبىرلەرنى ئىجرا قىلىش ۋاقتى 2020-يىلى 19-ئىيۇلغىچە ئۇزارتىلدى.

بىرازىلىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 50 مىڭ 659 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. مېكسىكادا 21 مىڭ 825 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

كانادادا 8 مىڭ 471 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر