ئافرىندا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

ئاپتوموبىل ئىشلىتىشكە بولمايدىغان ھالغا كەلدى. ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى كۆرۈلمىدى. ئەتراپقا ماددى زىيان يەتكۈزدى.

1440122
ئافرىندا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ئافرىن ناھىيە مەركىزىدە توختىتىپ قويۇلغان ئاپتوموبىل بومبا پارتىلاپ، كىچىك بالىلارنىمۇ قوشقاندا 4 پۇقرا يارىلاندى.

ھۇجۇمنى تېرورلۇق تەشكىلاتى YPG / PKK تەشكىللىگەن بولۇشى مۇمكىنلىكى تەكشۈرۈلمەكتە.

تېل رىفات ۋە مۇنبىچ رايونلىرىدا ئىشغالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان تېرورلۇق تەشكىلاتى YPG / PKK پات - پات باب، ئازەز، جېرابلۇس ۋە ئافرىن رايونلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان ھالدا تېرورلۇق پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر