ياۋروپا ئىتىتپاقى باشلىقلىرى يۇقۇم قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى باشلىقى چارلېس مىچېل ۋە كومىتېت باشلىقى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن، ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) دا قازا قىلغانلارنى خاتىرىلەش ئۈچۈن 17 – ئىيۇلدا ئىسپانىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىمغا ئىشتىراك قىلىدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.

1438463
ياۋروپا ئىتىتپاقى باشلىقلىرى يۇقۇم قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىچېل بىلەن ۋون دېر لېيېن تىۋىتتېردىكى ئادرېسلىرى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، ئىسپانىيە باش مىنىستىرى پېدرو سانچېزنىڭ تەكلىپىگە رەھمەت ئېيتىپ، مۇراسىمغا ئىشتىراك قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

ئىسپانىيە 16 – ئىيۇلدا كوۋىد – 19 قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

بىر مەزگىل كوۋىد – 19نىڭ مەركىزىگە ئايلانغان ياۋروپادا ئىسپانىيە ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغانىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىسپانىيەنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ياردەم قىلىش تەلىپىگە دەسلەپكى باسقۇچتا ئىنكاس قايتۇرمىغان، تۈركىيە تېببىي بۇيۇملارنى يوللىغان تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغانىدى.

ياۋروپا كومىېتىتى باشلىقى ۋون دېر لېيېن ئارقىدىن ئىسپانىيەگە تېگىشلىك ياردەمنى قىلالمىغانلىقلىرىنى ئېتىراپ قىلىپ، بۇ دۆلەتتىن كەچۈرۈم سورىغانىدى.

ئىسپانىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 27 مىڭدىن، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 244 مىڭدىن ئاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر