بىرازىلىيەدە بىر كۈندە مىڭدىن ئارتۇق كىشى جېنىدىن ئايرىلدى

دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 451 مىڭ 926 دىن، يۇقۇملانغانلار سانى 8 مىليون 467 مىڭدىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 4 مىليون 439 مىڭ 352 دىن ئاشتى.

1438719
بىرازىلىيەدە بىر كۈندە مىڭدىن ئارتۇق كىشى جېنىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچىرىغان ئىككىنچى دۆلەت بولغان بىرازىلىيەدە، يېقىنقى 24 سائەتتە 1 مىڭ 269 كىشى جېنىدىن ئايرىلىشى بىلەن، جەمئىي سان 46 مىڭ 510 غا، 32 مىڭ 188 كىشىنىڭ يېڭىدىن يۇقۇملىنىشى بىلەن، جەمئىي يۇق سانى 955 مىڭ 377 گە چىقتى.

مېكسىكادا بىر كۈندە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 770 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشى بىلەن، جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 19 مىڭ 80 گە، 4 مىڭ 930 كىشىنىڭ يېڭىدىن يۇقۇملىنىشى بىلەن جەمئىي يۇقۇم سانى 159 مىڭ 793 كە چىقتى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 102 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ئاۋستىرالىيەنىڭ ساياھەت مىنىستىرى سىمون بىرمىڭھام (Simon Birmingham) 2020-يىلى 20-مارت تاقالغان دۆلەت چېگرالىرىنىڭ يىل ئاخىرىغىچە تاقىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ چېگرالارنىڭ تاقالغان ھالەتتە تۇرۇشىنىڭ ۋاباغا قارشى كۈرەشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشىدىكى ئاساسىي سەۋەبلەردىن بىرى بولىدىغانلىقى ۋە چېگرالارنىڭ پات يېقىندا ئېچىلمايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئاۋستىرالىيە قانتاس (Qantas) ھاۋا يوللىرى شىركىتى چېگرالارنىڭ ئېچىلىشىنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشى سەۋەبىدىن، پىلان قىلغان خەلقئارالىق ئايروپىلان سەپەرلىرىنى ئۆكتەبىر ئېيىغا كېچىكتۈردى.

ئامېرىكادا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 119 مىڭ 943 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 2 مىليون 234 مىڭ 855 كىشى يۇقۇملاندى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار بىر كۈندە 233 كىشى ئېشىپ 42 مىڭ 153 كە چىققان ۋە ياۋروپانىڭ ۋابا مەركىزىگە ئايلانغان ئەنگلىيەدە، يۇقۇملانغانلار سانى 300 مىڭغا يېقىنلاشتى.

ئىتالىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى يېقىنقى 24 سائەتتە 43 كىشى ئېشىپ 34 مىڭ 448 گە چىقتى. يۇقۇملانغانلار سانى بولسا 329 كىشى ئېشىپ 237 مىڭ 828 گە چىقتى.

فىرانسىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 28 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە بۇ سان 29 مىڭ 575 كە، يۇقۇملانغانلار سانى 458 كىشى ئېشىپ 195 مىڭ 579 غا چىقتى.

ئىسپانىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى يېقىنقى بىر ھەپتىدە 30 كىشىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى جاكارلىدى. ۋىرۇس سەۋەبىدىن جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنى 2020-يىلى 7-ئىيۇندىن تارتىپ 27 مىڭ 136 دە توختاتقان مىنىستىرلىق، جەمئىي يۇقۇم سانىنىڭ 244 مىڭ 683 ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

پورتۇگالىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 1 مىڭ 523 كە چىقتى. 336 كىشىنىڭ يېڭىدىن يۇقۇملىنىشى بىلەن، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 37 مىڭ 672 گە چىقتى.

بەزى دۆلەتلەردىكى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم سانلىرى تۆۋەندىكىچە:

بېلگىيەدە 9 مىڭ 675، گېرمانىيەدە 8 مىڭ 918، كانادادا 8 مىڭ 307، پېرۇدا 7 مىڭ 257، گوللاندىيەدە 6 مىڭ 75، شىۋېتسىيەدە 5 مىڭ 41، ئېكۋادوردا 4 مىڭ 7، چىلىدا 3 مىڭ 615، شىۋېيتسارىيەدە 1 مىڭ 956، كولومبىيەدە 1 مىڭ 801، ئېرىلاندىيەدە 1 مىڭ 710، رۇمېنىيەدە 1 مىڭ 451 ۋە پولشادا 1 مىڭ 286.


خەتكۈچ: #ۋىرۇس , #ۋابا

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر