يۇقۇمنىڭ بىر قىسىم غەرب ئەللىرىدىكى ئەھۋالىغا دائىر يېڭى ئۇچۇرلار...

دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 439500 دىن، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 8 مىليون 134997 مىڭدىن، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر سانى 4 مىليون 247140 دىن ھالقىدى.

1436921
يۇقۇمنىڭ بىر قىسىم غەرب ئەللىرىدىكى ئەھۋالىغا دائىر يېڭى ئۇچۇرلار...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ مەركىزىي بازىسىغا ئايلىنىپ قالغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 118282 گە يەتتى.

ۋىرۇسنىڭ ياۋروپادىكى مەركىزىگە ئايلانغان ئەنگلىيەدە قازا قىلغانلار سانى 41736 گە؛ يۇقۇملانغۇچىلار سانى 56296 گە يەتتى؛ ئەنگلىيەدە 23 – مارتتا چىقىرىلغان قارارنىڭ روھىغا ئاساسەن تاقىۋېتىلگەن دۇكانلار تۈنۈگۈندىن باشلاپ ئېچىۋېتىلدى.

ئىتالىيەدە قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 34371 گە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

فىرانسىيەدە قازا قىلغانلار سانىنىڭ 29436 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 194777 گە يەتكەنلىكى دوكلات قىلىندى.

ئىسپانىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە 25 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، ئومۇمىي قازا قىلغانلار سانىنىڭ 27136 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 244109 غا يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

پورتۇگالىيەدە بولسا، قازا قىلغانلار سانى 1502 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 37036 غا يەتتى.

مېكسىكادا يېقىنقى 24 سائەتتە قازا قىلغان 439 كىشىنى قوشقاندا جەمئىي قازا قىلغانلار سانىنىڭ 17580 گە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر