ترامپ: ئامېرىكانىڭ گېرمانىيەدىكى ئەسكەرلىرىنىڭ سانى كېمەيتىلىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ گېرمانىيەدىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سانىنى 25 مىڭغا كېمەيتىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1437051
ترامپ: ئامېرىكانىڭ گېرمانىيەدىكى ئەسكەرلىرىنىڭ سانى كېمەيتىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترامپ ئاقسارايدا بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «گېرمانىيەدىكى ئەسكەرلىرىمىزنىڭ سانىنى 25 مىڭغا كېمەيتىمىز. ھەممىگە مەلۇمكى، گېرمانىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى راسخوت بېرىش مەسىلىسىگە سەل قاراۋاتىدۇ. دەرۋەقە، گېرمانىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا مىلياردلارچە دوللار قەرزى بار. ئۇلار راسخوت بەرمىسە، بىز نېمىشقا ئۇ يەردە ئەسكەر تۇرغۇزغۇدەكمىز؟»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر