بۇرۇندى پىرېزىدېنتى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئۆلگەن

دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 439 مىڭ 500 دىن، يۇقۇملانغانلار سانى 8 مىليون 134 مىڭ 990 دىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 4 مىليون 247 مىڭ 140 تىن ئاشتى.

1436928
بۇرۇندى پىرېزىدېنتى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئۆلگەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇرۇندى پىرېزىدېنتى پىئېر كۇرۇنزىزا (Pierre Nkurunziza) نىڭ يۈرەك كېسىلى بىلەن ئەمەس، بەلكى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

بۇرۇندى دۆلەتلىك تاراتقۇلاردا، پىرېزىدېنت پىئېر كۇرۇنزىزانىڭ ئۆلۈم سەۋەبىنىڭ رەسمىي باياناتلاردا ئېيتىلغاندەك، يۈرەك كېسەللىكى ئەمەسلىكى، بەلكى ۋۇخەن ۋىرۇسى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

خەۋەرلەردە، مەسئۇل ئەمەلدارلارنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى مەسىلىسىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلمىغانلىقى، بۇ سەۋەبتىن پىرېزىدېنت پىئېر كۇرۇنزىزانىڭ ھەقىقىي ئۆلۈم سەۋەبىنى مەخپىي تۇتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ھىندىستاندا يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 380 كىشى كۆپىيىپ 9 مىڭ 900 غا چىقتى. يۇقۇملانغانلار سانى بولسا، 10 مىڭ 667 كىشى كۆپىيىپ 343 مىڭ 91 گە چىقتى.

رۇسىيەدە بۈگۈنگىچە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 7 مىڭ 284 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 545 مىڭ 458 كىشى يۇقۇملاندى.

شەرقىي ئافرىقاغا جايلاشقان كېنىيەدە 104 كىشى ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى. يۇقۇملانغانلار سانى 133 كىشى كۆپىيىپ 3 مىڭ 727 گە چىقتى.

كېنىيە ھۆكۈمىتى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئىيۇل ئېيىغىچە ئۇزارتىشنى قارار قىلدى.

جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە ئەڭ كۆپ يۇقۇم كۆرۈلگەن «ۋېستېرن كېيىپ» (Western Cape) ئىشتاتىدا، 98 ئوقۇتقۇچى ۋە 1 مىڭ 800 ئوقۇغۇچىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى بايقالدى. ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 1 مىڭ 480 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان بۇ دۆلەتتە، يۇقۇملانغانلار سانى 70 مىڭ 38 گە چىقتى.

يەمەندە يېقىنقى 24 سائەتتە 48 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 208 گە؛ يۇقۇملانغانلار سانى بولسا، 116 كىشى كۆپىيىپ 844 كە چىقتى.

ب د ت يەمەن ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇش چىقاردى. يەمەندىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرى كوردىناتسىيە ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ: «يەمەندە %25 كە يېقىنلاشقان ۋە كىشىنى ئەندىشەگە سالىدىغان دەرىجىدە يۇقىرى بولغان ئۆلۈم نىسبىتى، دۇنيا ئوتتۇرىچە نىسبىتىدىن تەخمىنەن تۆت ھەسسە يۇقىرى» دېدى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 468 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان سۇداندا، يېقىنقى 24 سائەتتە يۇقۇملانغانلار سانى 213 كىشى كۆپىيىپ 7 مىڭ 220 گە چىقتى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 73 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان چادتا، يېقىنقى 24 سائەتتە 850 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى.

ئافرىقا قىتئەسىگە جايلاشقان بەزى دۆلەتلەردىكى ھازىرغىچە بولغان ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم سانلىرى تۆۋەندىكىچە:

مىسىر 1 مىڭ 672، جەنۇبىي ئافرىقا 1 مىڭ 568، ئالجىرىيە 777، نىگېرىيە 424، كامېرۇن 276 ۋە ماراكەش 212.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر