تەرخۇنەدىكى تىرىك كۆمۈلگەنلەر دېلوسى ھەققىدە خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا چاقىرىق ئېلان قىلىندى

لىۋىيە ھۆكۈمىتى دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى قانۇنسىز كۈچلەرنىڭ رەھبىرى خەلىفە ھافتەرگە تەۋە ئۇنسۇرلارنىڭ ھەرىكەت ۋە تەمىنلەش مەركىزى سۈپىتىدە ئىشلەتكەن تېرخۇنەدىكى كوللېكتىپ مازارلىقلار دېلوسىنى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا سۇنۇش چاقىرىقى ئېلان قىلدى.

1436073
تەرخۇنەدىكى تىرىك كۆمۈلگەنلەر دېلوسى ھەققىدە خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا چاقىرىق ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ فېيسبۇك بېتىدىن ئېلان قىلغان يازما باياناتىغا ئاساسلانغاندا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد سەييالى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە مەكتۇپ يوللىغان.

مۇھەممەد سەييالى ھافتەر قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ تېرخۇنەدىكى كوللېكتىپ مارزارلىقلىرى سانىنىڭ 11 گە كۆپەيگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ مازارلاردا ئاياللار ۋە كىچىك بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى كىشىلەرنىڭ تىرىك كۆمۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

مۇھەممەد سەييالى گوللاندىيەنىڭ لاھەي شەھىرىدە تۇرۇشلۇق خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنى تېرخۇنەدىكى ھافتەر قوراللىقلىرىنىڭ سادىر قىلغان جىنايەتلىرىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن كېرەكلىك رەسمىيەتلەرنى باشلاشقا ۋە بۇ جىنايەتلەرنى سادىر قىلغانلاردىن خەلقئارا سوتنىڭ ئالدىدا ھېسابقا تارتىلىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە چاقىرىق قىلدى.

مۇھەممەد سەييالى: «ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ھافتەر قوراللىقلىرىنىڭ بۇ قېتىم تېرخۇنەدە ئۆتكۈزگەن قانۇنغا خىلاپلىق جىنايەتلىرىگە كەسكىن پوزىتسىيە تۇتۇشى كېرەك» دېدى ۋە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى تىرابلۇسقا قىلىنغان ھۇجۇملارغا قارىتا كەسكىن پوزىتسىيە تۇتۇش چاقىرىقىنى كۆرمەسكە سالغانلىقى سەۋەبىدىن  بۈگۈن تېرخۇنەدىكى ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىققانلىقىنى تەكىتلىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر