نىگېرىيەنىڭ بېنۇ شەھىرىدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 10 ئادەم قازا قىلدى
ئاگاتۇ رايونلۇق ھۆكۈمەت مەسئۇلى ئۇسمان سۇلايمان بېنۇ ئۆلكىسىگە قاراشلىق ئاگاتۇ رايونىدا كىملىكى نامەلۇم كىشىلەرنىڭ ئېتىزدىن قايتىپ كېلىۋاتقان دېھقانلارغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
1436107
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاگاتۇ رايونلۇق ھۆكۈمەت مەسئۇلى ئۇسمان سۇلايمان ھۇجۇمدا 10 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ۋە نۇرغۇن كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئۇسمان سۇلايمان يارىلانغانلارنىڭ بالنېستقا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ رايونغا ئەۋەتىلگەنلىكىنى ۋە ۋەقەگە قارىتا تەكشۈرۈشنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېيتتى.