گوللاندىيەدە ئىسرائىلىيەنىڭ «قوشۇۋېلىش» قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈلدى

گوللاندىيەنىڭ پايتەختى ئامستېردامدا، ئىسرائىلىيەنىڭ، ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان قانۇنسىز يەھۇدىي ئاھالىلەر رايونلىرى بىلەن ئىيوردان ۋادىسىنى «قوشۇۋېلىش» پىلانىغا نارازىلىق بىلدۈرۈلدى.

1436425
گوللاندىيەدە ئىسرائىلىيەنىڭ «قوشۇۋېلىش» قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋرازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىننى قوللايدىغان ئوخشاش بولمىغان ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلارنىڭ مەزكۇر نامايىشىغا نۇرغۇن گوللاندىيەلىك بىلەن ھەرخىل ئاز سانلىقلارمۇ ئىشتىراك قىلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ 1948 – يىلىدىن بۇيان قوشۇۋالغان پەلەستىن زېمىنلىرى نامايان قىلىنغان خەرىتىلەر ۋە «پەلەستىنلىكلەرنىڭ ھاياتلىرى قىممەتلىكتۇر»، «ئىرقچىلىقنى توختىتىڭلار»، (ئامېرىكانىڭ مىننېئاپولىس ئىشتاتىدا 25 مايدا ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقى نەتىجىسىدە جېنىدىن ئايرىلغان ئەسلى ئافرىقالىق ئامېرىكا پۇقراسى جورج فلويدنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنىش جەريانىدىكى سۆزلىرىگە ئىشارەت قىلىنغان ھالدا) «1948 – يىلىدىن بۇيان تىنالماۋاتىمىز» دېگەن خەتلەر يېزىلغان پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈۋالغان نامايىشچىلار، توختىماستىن «قوشۇۋېلىش»قا قارشى شوئارلارنى توۋلىدى.

نامايىشچىلار، ھەرخىل گۇرۇپپا ۋە ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلارنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ سۆزلىرىنى «ئەركىن پەلەستىن» ۋە «ئادالەت بولمىسا، تىنچلىقمۇ يوق» ۋە «بولدى بەس» دېگەندەك شوئارلار ئارقىلىق قوللاپ – قۇۋۋەتلىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇ بىلەن 28 – يانۋاردا ئاقسارايدا ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئېلان قىلغان ئاتالمىش ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق پىلانىدا، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى قانۇنسىز يەھۇدىي تۇرالغۇلىرى رايونلىرىنىڭ «ئىسرائىلىيەنىڭ زېمىنى» دەپ قوبۇل قىلىنىشى ۋە تېل ئاۋىۋ ھۆكۈمىتىنىڭ پەلەستىنگە تەۋە ئىيوردان ۋادىسىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى داۋاملاشتۇرۇشى دېگەندەك ماددىلار بار ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر