ھىندىستاندا بىر كۈندە 10 مىڭدىن ئارتۇق كىشى يۇقۇملاندى

دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 423 مىڭ 900 دىن، يۇقۇملانغانلار سانى 7 مىليون 600 مىڭدىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 3 مىليون 843 مىڭ 900 دىن ئاشتى.

1434606
ھىندىستاندا بىر كۈندە 10 مىڭدىن ئارتۇق كىشى يۇقۇملاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستاندا يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 396 كىشى كۆپەيدى، 10 مىڭ 956 كىشى يۇقۇملاندى.

ئەزەربەيجاندا يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى ئالتە كىشى كۆپىيىپ 108 گە چىقتى. يۇقۇملانغانلار سانى بولسا، 352 كىشى كۆپىيىپ 8 مىڭ 882 گە چىقتى.

تاجىكستاندا يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى بىر كىشى كۆپىيىپ 49 غا، يۇقۇملانغانلار سانى 71 كىشى كۆپىيىپ 4 مىڭ 834 كە چىقتى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 26 گە چىققان قىرغىزىستاندا، يېقىنقى 24 سائەتتە يۇقۇملانغانلار سانى 36 كىشى كۆپىيىپ 2 مىڭ 129 غا چىقتى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 19 غا چىققان ئۆزبېكستاندا، يۇقۇملانغانلار سانى 22 كىشى كۆپىيىپ 4 مىڭ 717 گە چىقتى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 38 كىشى كۆپىيىپ 857 گە چىقتى. يۇقۇملانغانلار سانى 3 مىڭ 733 كىشى كۆپىيىپ 116 مىڭ 21 گە چىقتى.

بېلارۇسىيە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار بەش كىشى كۆپىيىپ 293 كە چىقتى. يۇقۇملانغانلار سانى 750 كىشى كۆپىيىپ 51 مىڭ 816 گە چىقتى.

بېلارۇسىيە سەھىيە مىنىستىرى ۋلادىمىر كارانىك ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق دولقۇنى ئېھتىمالىغا تەييار تۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

مولداۋىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە جېنىدىن ئايرىلغانلار تۆت كىشى ئېشىپ 375 كە، يۇقۇملانغانلار سانى 406 كىشى ئېشىپ 10 مىڭ 727 گە چىقتى. 24 سائەتتە يۇقۇملانغانلار ئىچىدە 20 سەھىيە خادىمى بار.

ئىيوردانىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە 27 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى ۋە بۇسان 890 غا چىقتى.

ماراكەشتە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم ۋەقەسى كۆرۈلمىدى، ئەمما يۇقۇملانغانلار سانى 29 كىشى كۆپىيىپ 8 مىڭ 537 گە چىقتى.

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە، 2020-يىلى 1-ئىيۇلدىن تارتىپ دۆلەت ئىچىگە كىرىشكە رۇخسەت قىلىدۇ.

ئافرىقا قىتئەسىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 5 مىڭ 734 كە چىقتى. يۇقۇملانغانلار سانى 213 مىڭدىن ئاشتى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئافرىقا تەۋەلىكىدە يېقىنقى بىر ھەپتىدە يۇقۇملىنىشنىڭ %31 ئاشقانلىقىنى، ماۋرىتانىيە، ئېفىيوپىيە، جەنۇبىي سۇدان ۋە زىمبابۋې قاتارلىق دۆلەتلەردە يۇقۇملىنىش سۈرئىتىنىڭ ئەڭ تېز بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مىسىردا يېقىنقى 24 سائەتتە ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 35 كىشى كۆپىيىپ 1 مىڭ 377 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 39 مىڭ 726 گە چىقتى.

بەزى دۆلەتلەردىكى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم سانلىرى تۆۋەندىكىچە:

ئالجىرىيەدە 471، ئىراقتا 457، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە 286، كۈۋەيت 279، يەمەن 136، قاتار 69، بەھرەين 34، لىۋان 31، جەنۇبىي ئافرىقا 1 مىڭ 284 ۋە نىگېرىيە 387. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر