بەزى غەرب دۆلەتلىرىدىكى يۇقۇم ئەھۋالىغا ئالاقىدار مەلۇماتلار

دۇنيا مىقياسىدا ۋىرۇس سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 424 مىڭ 192 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 7 مىليون 615 مىڭغا، ساقايغانلار سانى 3 مىليون 854 مىڭ 332 گە يەتتى.

1434404
بەزى غەرب دۆلەتلىرىدىكى يۇقۇم ئەھۋالىغا ئالاقىدار مەلۇماتلار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 53 كىشىنى قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 34 مىڭ 114 كە يەتتى، يۇقۇملانغۇچىلار سانى % 73 لىك چۈشۈش بىلەن 30 مىڭ 637 گە تۆۋەنلىدى.

فىرانسىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 27 كىشى  بىلەن قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 29 مىڭ 346 گە يەتتى، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 192 مىڭ 966 گە يەتتى.

ئىسپانىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى، يېقىنقى 4 كۈن ئىچىدە ئۆلۈم ھادىسىسى كۆرۈلمىگەنلىكىنى،  يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانىنىڭ 27 مىڭ 136  كىشىدە قالغانلىقىنى، يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 242 مىڭ 707 گە  يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

پورتۇگالىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 7 كىشى  بىلەن قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 1504 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 35 مىڭ 910 غا يەتتى.

پېرۇدا يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 206 كىشى  بىلەن قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 6 مىڭ 109 غا، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 214 مىڭ 788 گە يەتتى.

مېكسىكادا يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 587 كىشى  بىلەن قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 15 مىڭ 944 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 40 مىڭ 919 غا يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر