ھافتەر كۈچلىرىدىن قايتۇرۇپ ئېلىنغان جايلاردا يۈزلەرچە كىشىنىڭ كۆيدۈرۈۋېتىلگەن جەسىتى تېپىلدى

لىۋىيە ئارمىيەسىگە قاراشلىق قىسىملار، دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى قانۇنسىز كۈچلەرنىڭ رەھبىرى خەلىفە ھافتەر قوراللىقلىرىدىن قايتۇرۇپ ئېلىنغان قەسىر بىن غاشىر رايونىدا بىر كونتېينېردىن نۇرغۇن ئادەمنىڭ جەسىتىنى تاپتى.

1433611
ھافتەر كۈچلىرىدىن قايتۇرۇپ ئېلىنغان جايلاردا يۈزلەرچە كىشىنىڭ كۆيدۈرۈۋېتىلگەن جەسىتى تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيە ئارمىيەسى «غەزەپ ۋولقىنى ھەرىكىتى» نىڭ رەسمىي ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، ھەربىي قىسىملارنىڭ، پايتەخت تىرابلۇسنىڭ 27 كىلومېتىر جەنۇبىدىكى خەلىفە ھافتەر كۈچلىرىدىن قايتۇرۇپ ئېلىنغان قەسىر بىن غاشىر بازىرىدىكى بىر كونتېينېرنىڭ ئىچىدىن نۇرغۇن ئادەمنىڭ كۆيدۈرۈۋېتىلگەن جەسىتىنى بايقىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

بۇ ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەرگىمۇ ئورۇن بېرىلگەن باياناتتا، بۇلارنىڭ «ھافتەرگە قاراشلىق تېررورچى قوراللىقلارنىڭ ئىزچىل ھالدا سادىر قىلىۋاتقان ئۇرۇش جىنايىتىنىڭ ۋەھشىيلىكىنى ئاشكارىلاپ بەرگەنلىكى» قەيت قىلىندى.

يەنە بىر تەرەپتىن، لىۋىيە ئەدلىيە مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى كۆزىتىش ۋە دەلىللەش كومىتېتى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، پايتەخت ترابلۇسنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردا، قوراللىق ئۇنسۇرلار تەرىپىدىن ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان مىنالارنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە 27 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، 40 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

كومىتېت ئەزالىرىنىڭ، ھافتەر تەرەپدارى «كانىيات» قوراللىقلىرىدىن قايتۇرۇپ ئېلىنغان تەرھۇنە شەھىرى ۋە ئەتراپىدا بايقىغان كوللېكتىپ مازار ۋە تاشلاندۇق قۇدۇقلاردىن نۇرغۇن كىشىنىڭ جەسىتىنى چىقارغانلىقى، نۆۋەتتە تەرھۇنە دوختۇرخانىسىدا 100 دىن ئارتۇق جەسەتنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

لىۋىيە ئارمىيەسى، 25- مارت باشلانغان تىنچلىق بورىنى ھەرىكىتى دائىرىسىدە 3- ئىيۇندا پايتەخت ترابلۇسنىڭ بارلىق مەمۇرىي چېگراسىنى، 4-ئىيۇندا قەسىر بىن غاشىرنى ۋە 5- ئىيۇندا تەرھۇنە شەھىرىنى قايتۇرۇپ ئالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر