گوللاندىيەدە ئىرقچىلىق ۋە كەمسىتىشكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
گوللاندىيەنىڭ پايتەختى ئامستېردامدا ئوخشاش بولمىغان سانلىق مىللەتللەرنىڭ مەنسۇپلىرى ۋە پائالىيەتچىلەر ئىرقچىلىققا ۋە كەمسىتىشكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گوللاندىيەدە ئوخشىمىغان دىن ۋە ئىرقلارغا مەنسۇپ مىڭلارچە كىشى پايتەخت ئامستېردامدىكى نېلسون ماندىلا باغچىسىغا يىغىلىپ ، ئىرقچىلىققا ۋە كەمسىتىشكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.
نامايىشچىلار «قارا تەنلىكلەرنىڭ ھاياتى قىممەتلىكتۇر» ، «ئاق تەنلىكلەرنىڭ سۈكۈت قىلىشى زۇلۇمدۇر» ، «مەن نەپەس ئالالمايۋاتىمەن» ، «ئادالەت بولمىسا تىنچلىق بولمايدۇ» ۋە «ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرىمىز» ، «ئىرقچىلىقنى توختىتىڭلار» ، «ئىسلام دۈشمەنلىكىنى توختىتىڭلار» ، «ھەممە ئادەم باراۋەردۇر» ۋە «ئىرقچىلىق بىر ئىدىيە ئەمەس» دېگەن خەتلەر يېزىلغان پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈشكەن ھالدا «ئىرقچىلىققا قارشى تۇر» ، «قارا تەنلىكلەرنىڭ ھاياتى قىممەتلىك» دەپ شوئارلارنى توۋلىدى.
كۆپ ساندا گوللاندىيەلىكلەر بىلەن بىرگە ئو ئوخشىمىغان مىللەتلەردىن پائالىيەتچىلەر ئىشتىراك قىلغان نامايىشتا، «ئىرقچىلىق ، كەمسىتىش ۋە ئىسلام دۈشمەنلىكىنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنىڭ سىگنالى» بېرىلدى.
دۇنيادا ئىرقچىلىقنىڭ ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان نۇتۇقلاردا ، گوللاندىيە ساقچىلىرىنىڭ سۇرىناملارنى ، ئافرىقالىقلارنى ۋە مۇسۇلمانلارنى كەمسىتىدىغانلىقى ئەسكەرتىپ ئۆتۈلدى.
مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارغا ۋاكالىتەن سۆزلەنگەن نۇتۇقتا، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن كەلگەنلىكى ، ھەممە ئادەمنىڭ باراۋەر ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.
نامايىشتا ، ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) سەۋەبىدىن ئىجتىمائىي ئارىلىقنى ساقلاش تۈزۈمىگە رىئايە قىلىندى.
ئالدىنقى ھەپتە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش ئىجتىمائىي ئارىلىقنى ساقلاش بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلىنمىغانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلەشلەرگە ئۇچرىغانىدى.
ئاز ساندا ساقچى ۋەزىپە ئۆتىگەن نامايىش تىنچ ئۇسۇلدا ئاياغلاشتى.