ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى چېگرالارنى تەدرىجىي ۋە قىسمەن ئېچىش پىلانىنى ئېلان قىلىدۇ

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ 1 - ئىيۇلدىن باشلاپ تاشقى چېگرالارنى «تەدرىجىي ۋە قىسمەن ئېچىش» تەكلىپىنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1433359
ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى چېگرالارنى تەدرىجىي ۋە قىسمەن ئېچىش پىلانىنى ئېلان قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ ھەپتىلىك يىغىنىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلدى.

بوررېل يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس (Kovid-19) يۇقۇمىغا قارشى تەدبىرلەر دائىرىسىدە تاقىۋېتىلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى چېگرالىرىنى بۇ ئاي ئېچىشنى پىلانلىغانلىقىنى بايان قىلىپ، تاشقى چېگرالارنىڭ بولسا، ئىككىنچى باسقۇچتا ئېچىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بوررېل مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ تاشقى چېگرالارنى 1 - ئىيۇلدىن باشلاپ تەدرىجىي ۋە قىسمەن ئېچىدىغانلىقىغا دائىر بايانات ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ئالدىنقى ئايدا ئۈچىنچى دۆلەتتىن شېنگېن رايونىغا كەلگەنلەرگە قارىتا يولغا قويۇلغان ساياھەت چەكلىمىسىنى 15 - ئىيۇنغىچە ئۇزارتىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر