ئامېرىكا شىمالىي كورېيەنىڭ «ئۈمىدسىزلەندۈرگۈچ» باياناتىغا ئىنكاس قايتۇردى

ئامېرىكا شىمالىي كورېيەنىڭ جەنۇبىي كورېيە بىلەن بولغان بارلىق ئالاقەنى ئۈزىدىغانلىقى ھەققىدىكى باياناتىغا «ئۈمىدسىزلەندۈرگۈچ ئەھۋال» دەپ باھا بەردى.

1433290
ئامېرىكا شىمالىي كورېيەنىڭ «ئۈمىدسىزلەندۈرگۈچ» باياناتىغا ئىنكاس قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار ،مىنىستىرلىقىنىڭ بىر مەسئۇلى «ئامېرىكانىڭ شىمالىي كورېيە بىلەن جەنۇبىي كورېيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى دائىم قوللاپ كەلگەنلىكىنى، پيوڭياڭنىڭ بۇ قېتىمقى باياناتىدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلارمىنىستىرلىقى مەسئۇلى، «شىمالىي كورېيەنى دىپلوماتىيەگە ۋە ماسلىشىشقا قايتىشقا چاقىرىمىز، شىمالىي كورېيە بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشتا ئىتتىپاقدىشىمىز جەنۇبىي كورېيە بىلەن يېقىن ئالاقە ئىچىدىمىز» دېدى.

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ سىڭلىسى كىم يو جوڭ 4 – ئىيۇندا، تەشۋىقات ۋاراقچىسى بار شارلارنى قويۇپ بەرگەن شىمالىي كورېيەلىك پاناھلانغۇچىلارغا قارىتا «ۋەتىنىگە خىيانەت قىلغان پەسكەشلەر، ناجىنس، ئارىلاشما ئىتلار» دېگەن سۆزنى ئىشلىتىپ، جەنۇبىي كورېيەلىك مەسئۇللار بەزى باھانىلەر بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ، بۇ ئەھۋال داۋاملىشىدىغان بولسا، چوقۇم  ئېغىر بەدەل تۆلەشكە مەجبۇر بولىدۇ» دېگەن ئىدى.

كىم يو جوڭ يەنە، ئەگەر جەنۇبىي كورېيەلىكلەر بۇ جەھەتتە كېرەكلىك قەدەملەرنى تاشلىمايدىكەن، ئۆزلىرىنى كايسوڭ سانائەت باغچىسى ۋە بىرلەشمە ئالاقىلىشىش ئىشخانىسىنىڭ تاقالىشىغا ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي كېلىشىملەرنىڭ بىكار قىلىنىشىغا ھازىرلىشى لازىم» دېگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر