سۇدان خەلق قۇرۇلتىيى پارتىيەسى ھەربىي ئىسيانچى ھافتەرنى قوللىماسلىق چاقىرىقى ئېلان قىلدى

سۇدان خەلق قۇرۇلتىيى پارتىيەسى خارتۇم ھۆكۈمىتىدىن خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان لىۋىيە مەملىكەتلىك مۇرەسسەلەشتۈش ھۆكۈمىتى (UMH) نى قوللاشىنى تەلەپ قىلدى.

1433059
سۇدان خەلق قۇرۇلتىيى پارتىيەسى ھەربىي ئىسيانچى ھافتەرنى قوللىماسلىق چاقىرىقى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇدان خەلق قۇرۇلتىيى پارتىيىسىنىڭ يازما باياناتىدا، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرەپىدىن <قانۇنلۇق ھۆكۈمەت> دەپ ئېتىراپ قىلىنغان لىۋىيە مەملىكەتلىك مۇرەسسەلەشتۈش ھۆكۈمىتى (UMH) ئارمىيەسىنىڭ يېقىندىن بۇيان دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى قانۇنسىز قوراللىق كۈچلەرنىڭ رەھبىرى ھافتەرگە تەۋە قوراللىق ئۇنسۇرلارغا قارشى زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، ھەربىي ئىسيانچى ھافتەر ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى لىۋىيە ھۆكۈمىتى قىسىملىرىنىڭ ئىلگىرىلىشىنى توسۇش ئۈچۈن ئۇرۇش توختىتىش ۋە سىياسىي ھەل قىلىش چارىسىىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە» دېيىلدى

باياناتتا سۇدان ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، لىۋىيەدىكى قانۇنلۇق ھۆكۈمەتنى قوللىشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىندى.

سۇدان خەلق قۇرۇلتىيى پارتىيەسى چەتئەل كۈچلىرىنى بېنغازىدىكى قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنى قوللاشنى توختىتىشقا ۋە ياللانما ئەسكەرلەرنى لىۋىيە زېمىنىدىن چېكىندۈرۈشكە چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر