مالايشىيا 269 نەپەر ئاراكانلىق پاناھلانغۇچىنى نازارەتكە ئالدى

بىرمادىكى ئىرقىي ئايرىمچىلىق ۋە زوراۋانلىقتىن قېچىپ، مالايشىياغا قانۇنسىز كىرگەن 269 ئاراكانلىق پاناھلانغۇچى نازارەتكە ئېلىندى.

1432429
مالايشىيا 269 نەپەر ئاراكانلىق پاناھلانغۇچىنى نازارەتكە ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالايشىيا دېڭىز ساھىلى بىخەتەرلىك ئەترىتىنىڭ باياناتىدا، «دۆلەتنىڭ غەربىي ساھىلىدىكى لاڭكاۋى ئارىلىدا بىر پاناھلنغۇچىلار پاراخوتىنىڭ توسۇپ قىلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى» دېيىلدى.

مالايشىيا دېڭىز ساھىلى بىخەتەرلىك ئەترىتىنىڭ پاراخوتتىن دېڭىزغا سەكرىگەن 53 نەپەر پاناھلانغۇچى بىلەن پاراخوتتىكى 216 نەپەر پاناھلانغۇچىنى نازارەتكە ئالغانلىقى  تەكىتلەندى. پاناھلانغۇچىلارنىڭ ئاراكاندىن ئىكەنلىكى ۋە قايتۇرۇلىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

مالايشىيا  17 - ئاپرېلدا دېڭىز ئارقىلىق بۇ دۆلەتكە كىرمەكچى بولغان 200 نەپەر ئاراكانلىق پاناھلانغۇچىنى ۋۇخەن ۋىرۇسى خەۋىپى سەۋەبىدىن قايتۇرىۋەتكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر