رۇسىيە لىۋىيە مەسىلىسىدە قاھىرە خىتابنامىسىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

رۇسىيە لىۋىيە مەسىلىسى ئۈچۈن تۈنۈگۈن ئىمزالانغان قاھىرە خىتابنامىسىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1430863
رۇسىيە لىۋىيە مەسىلىسىدە قاھىرە خىتابنامىسىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرى ئالاھىدە ۋەكىلى مىخايىل بوگدانوۋ لىۋىيەنىڭ شەرقىدىكى قانۇنسىز قوراللىق كۈچلەرنىڭ رەھبىرى خەلىفە ھافتەرگە قاراشلىق قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ مەيداندىكى ئارقىمۇ - ئارقا مەغلۇبىيىتىن كېيىن، ئېلان قىلىنغان قاھىرە خىتابنامىسىنى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

بوگدانوۋ «Ria» خەۋەر ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، مىسىر پرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ سىسىنىڭ ھافتەر ۋە  ئىتتىپاقدىشى بولغان توبرۇك ئاۋام پالاتاسى باشلىقى ئاقىلە سالىھ بىلەن بىرلىكتە لىۋىيەگە قارىتا ئېلان قىلغان سىياسىي تەشەببۇس ۋە  8 - ئىيۇندا مەملىكەت مىقياسىدا ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقى ئۈستىدە توختالدى.  

بوگدانوۋ: « مىسىر پرېزىدېنتىنىڭ تەكلىپىنى ئوقۇدۇق، ئەلۋەتتە، لىۋىيەدە بالدۇرراق توقۇنۇشلارنىڭ توختىتىشى ئۈچۈن  قىلىنغان ھەر تۈرلۈك تەكلىپلەرنى قوللايمىز» دېدى.

لىۋىيە ئارمىيەسى خەلىپە ھافتەرگە قاراشلىق قوراللىق ئۇنسۇرلارغا قارشى ئارقا-ئارقىدىن مۇھىم ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، ھافتەر ۋە ئىتتىپاقداشلىرى تۈنۈگۈن مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەگە يىغىلىشقان ئىدى.

يىغىندىن كېيىن، مىسىر پرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ سىسى خافتەر ۋە ئۇنىڭ سىياسى ئىتتىپاقدىشى سالىھ بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، «قاھىرە خىتابنامىسى» نى ئېلان قىلغان ئىدى.

سىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، «ھافتەر ۋە سالىھنىڭ لىۋىيەدىكى توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن سىياسىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ھەققىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدۇق. بۇ دائىرىدە 8 – ئىيۇندىن ئېتىبارەن پۈتۈن لىۋىيە مىقياسىدا ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقى ئېلان قىلىمىز» دېگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر