جورج فلويىدنىڭ جىنازىسى مىننېپولىستىن شىمالىي كارولىناغا يۆتكەلدى

ئامېرىكادا ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقى بىلەن قازا قىلغان جورج فلويىد ئۈچۈن مىنناۋاپولىستىن كېيىن، ئۇنىڭ تۇغۇلغان يۇرتى شىمالىي كارولىنادىمۇ ئىككىنچى قېتىم جىنازە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

1430865
جورج فلويىدنىڭ جىنازىسى مىننېپولىستىن شىمالىي كارولىناغا يۆتكەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جورج فلويىدنى خاتىرىلىمەكچى بولغان تۇغقانلىرى ۋە مىڭلىغان كىشىلەر ئەتىگەندە جىنازە مۇراسىمى ئۈچۈن رېففورد شەھىرىدە توپلاندى.

مۇراسىم ئۆتكۈزۈلىدىغان چېركاۋ ئالدىدا ئۇزۇن ئۆچرەت شەكىللەندى، بىراق نامايىشقا رۇخسەت بېرىلمىدى.

جورج فلويىدنىڭ جىنازىسى ئاخىرىدا ئۇنىڭ يۇرتى تېكساسقا يوللىنىدۇ، دەپنە مۇراسىمى 9 - ئىيۇندا ھوستوندا ئۆتكۈزىلىدۇ.

بۇ ئارىلىقتا، فلويىدنىڭ ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقى تۈپەيلى جېنىدىن ئايرىلىشى بىلەن باشلانغان ۋە پۈتۈن مەملىكەتكە تارقالغان نامايىشلاردا، 34 ئىشتاتتا 43 مىڭدىن ئارتۇق دۆلەت مۇھاپىزەتچىلىرى ۋەزىپىگە تەيىنلەندى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇھاپىزەتچىلىرى ئورگىنىنىڭ  تىۋىتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «34 ئىشتات ۋە ۋاشىنگتوندا، 43 مىڭ 300 دىن ئارتۇق دۆلەت مۇھاپىزەتچىلىرى داۋاملىشىۋاتقان ئىچكى مالىمانچىلىققا قارشى ساقچىلارغا ياردەم قىلماقتا» دېيىلدى.

مىننېسوتا شىتاتىدا 25 – ماي كۈنى يۈز بەرگەن ۋەقەدە، ئەسلى ئافرىقىلىق ئامېرىكا پۇقراسى جورج فلويىد نازارەتكە ئېلىنىش جەريانىدا «نەپەس ئالالمايۋاتىمەن» دەپ ۋارقىرىشىغا قارىماي ساقچىنىڭ بوينىغا باسقان پۇتىنى تارتمىغانلىقى سەۋەبىدىن قازا قىلغان ئىدى.

بۇ ۋەقە شۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكانىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە توقۇنۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان كەڭ كۆلەملىك نامايىشلارغا سەۋەب بولغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر