تۇنىس پارلامېنتى «لىۋىيەگە چەتنىڭ مۇداخىلە قىلىشىنى رەت قىلىش» تەكلىپىنى رەت قىلدى

تۇنىستىكى ئەركىن ئاساسىي قانۇن پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى گۇرۇپپىسىنىڭ «لىۋىيەگە چەتنىڭ مۇداخىلە قىلىشىنى رەت قىلىش» توغرىسىدىكى تەكلىپى رەت قىلىندى.

1429216
تۇنىس پارلامېنتى «لىۋىيەگە چەتنىڭ مۇداخىلە قىلىشىنى رەت قىلىش» تەكلىپىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۇنىس پارلامېنتى، ئەركىن ئاساسىي قانۇن پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى گۇرۇپپىسىنىڭ «لىۋىيەگە چەتنىڭ مۇداخىلە قىلىشىنى رەت قىلىش» توغرىسىدىكى تەكلىپىنى مۇزاكىرە قىلىپ ئاۋازغا قويدى؛ تەكلىپ، پارلامېنتتىكى 94 پارلامېنت ئەزاسىنىڭ 68 ىنىڭ رەت قىلىشى، 7 پارلامېنت ئەزاسىنىڭ بىتەرەپ قېلىشى نەتىجىسىدە رەت قىلىندى.

نەھدە ھەرىكىتى پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى ئىماد ئەلھامىرى يىغىندا سۆز قىلىپ، نەھدە پارتىيەسىنىڭ تەكلىپنى رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تەكلىپ تېكىستىدە بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئىسىملىرى بايان قىلىنىپ، بەزىلىرىنىڭ قەتئىي تىلغا ئېلىنمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھامىرى، بۇ ئەھۋالنىڭ تۇنىسنىڭ بەزى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئەركىن ئاساسىي قانۇن پارتىيەسى تەرىپىدىن پارلامېنتقا سۇنۇلغان تەكلىپ، پارلامېنتنىڭ لىۋىيەگە چەت دۆلەتلەرنىڭ مۇداخىلە قىلىشىنى رەت قىلىشىنى ۋە تۇنىس زېمىنلىرىدا بۇ مۇداخىلىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىدىغان ئارقا سەپ بازىلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا قارشى چىقىشىنى مەزمۇن قىلىدىغان بولسىمۇ، تەكلىپتە پەقەت 2 دۆلەتنىڭ ئىسمىنىڭ بايان قىلىنىشى، بۇنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن تۇنىس ئىنقىلابىغا دۈشمەن دۆلەتلەرنىڭ سېپىدىن ئورۇن ئېلىش دېگەنلىك بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرگە دۇچ كەلدى.

تۇنىستا بىر تەكلىپنىڭ پارلامېنتنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتۈشى ئۈچۈن 109 پارلامېنت ئەزاسىنىڭ قوللاپ ئاۋاز بېرىشى شەرت قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر