ئىران ياۋروپا ئەللىرىنى جورج فلويد ۋەقەسىگە سۈكۈت قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف، ئىران ياۋروپا ئەللىرىنى جورج فلويد ۋەقەسىگە سۈكۈت قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.

1428380
ئىران ياۋروپا ئەللىرىنى جورج فلويد ۋەقەسىگە سۈكۈت قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مىننېئاپولىس شەھىرىدە ساقچى زوراۋانلىقى نەتىجىسىدە جېنىدىن ئايرىلغان جورج فلويد ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك نامايىشلارغا قارىتا سۈكۈت قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.

مۇھەممەد جەۋاد زەرىف تۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا شەھەرلىرىنىڭ «ھەربىي كۈچ ئىشلىتىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى تەھدىتلەر بىلەن بىرلىكتە نامايىشچىلار ۋە تاراتقۇلارغا قارىتىلغان رەھىمسىز سىياسەتلەرگە سەھنە بولغانلىقى»نى ئېيتتى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنى ئامېرىكادىكى ۋەقەلەرگە سۈكۈت قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن زەرىف، «غەربلىك بولمىغان جەمئىيەتلەردىكى ۋەقەلەرگە قارىتا تېز سۈرئەتتە ھۆكۈم چىقىرىدىغان، سودىيەلىك قىلىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى، بۇ قېتىم گاس قىلغۇچى سۈكۈناتىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ خەلق ۋە مېدىياغا يۈرگۈزگەن رەھىمسىز سىياسەتلىرىگە سۈكۈت قىلىدىغان بولسا، ئېغىزىنى مەڭگۈلۈك ئېتىشى كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكادا 25 – مايدا نازارەت ئاستىغا ئېلىنىش جەريانىدىكى ساقچى زوراۋانلىقى نەتىجىسىدە جېنىدىن ئايرىلغان جورج فلويد ئۈچۈن دۆلەت مىقياسىدا - بەزى جايلاردا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ئوت قويۇش، بولاش ۋە سۈركىلىشلەرگە سەھنە بولغان – نامايىشلار ئۆتكۈزۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر