پارىژدىمۇ ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئامېرىكادىكى جورج فلويىدقا ئوخشاشلا فىرانسىيەدىمۇ نازارەتكە ئېلىش جەريانىدا بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن 24 ياشلىق ئاداما ترائورې ئۈچۈن مىڭلىغان كىشى پارىژ كوچىلىرىغا چىقىپ نامايىش ئۆتكۈزدى.

1428343
پارىژدىمۇ ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نامايىشچىلار پارىژ ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ نامايىش چەكلىمىسىگە پىسەنت قىلماستىن، « ئاداما ئۈچۈن كوللېكتىپ ئادالەت» چاقىرىقى بىلەن ئەدلىيە سارىيىغا يىغىلىپ، ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

ساقچىلار تەخمىنەن 20 مىڭ نامايىشچىغا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى بىلەن مۇداخىلە قىلدى.

« ئاداما ترائورې ئۈچۈن ئادالەت» دەپ شۇئارلارنى توۋلىغان بىر قىسىم نامايىشچىلار ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا قاراپ يۈرۈش قىلدى.

نامايىشچىلار ئەلچىخانا ئالدىدا جىمجىت ئولتۇرۋىلىش ئارقىلىق فلويىدنىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

 ئامېرىكىدا 25 – مايدا نازارەتكە ئېلىنىش ئەسناسىدا ساقچىنىڭ زوراۋانلىقى تۈپەيلى قازا قىلغان فلويىد ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ ھەمىلا يېرىدە ئوت قويۇش، بۇلاش – تالاڭ ۋە توقۇنۇش خاراكتېرلىق نامايىشلار ئۆتكۈزۈلمەكتە.

فرانسىيەدە بولسا، ئاداما ترائورې ئامېرىكالىق جورج فلويىدقا ئوخشاش، 2016 - يىلى نازارەتكە ئېلىنىش ئەسناسىدا ساقچىلار تەرىپىدىن بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.

ۋەقەدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان تۇنجى باياناتتا، ئادامانىڭ كېسىلى قوزغاپ، جىددىي قۇتقۇزۇش ئەترىتىگە تاپشۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولۇپ، كېيىن ئاداما ترائورېنىڭ دوختۇر مۇداخىلە قىلىشتىن بۇرۇنلا ساقچى ماشىنىسىدا قازا قىلغانلىقى ئاشكارلانغان ئىدى.

ۋەقەگە چېتىشلىق ساقچىلارغا قارىتا تەپتىش باشلانمىغان ۋە سوت ئىشلىرى ئارىدىن 4 يىل ئۆتكەن بولىشىغا قارىماستىن تېخىچە تاماملانمىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر