ھىندىستاندا «نىسارگا» قارا بورىنى ئاپىتى سەۋەبىدىن قانچە ئون مىڭلىغان ئىنسان تارقاقلاشتۇرۇلدى

ئەرەب دېڭىزىدا چىققان «نىسارگا» قارا بورىنى ھىندىستاننىڭ ماخاراشتىرا ئۆلكىسى قىرغاقلىرىغا يېتىپ باردى.

1428770
ھىندىستاندا «نىسارگا» قارا بورىنى ئاپىتى سەۋەبىدىن قانچە ئون مىڭلىغان ئىنسان تارقاقلاشتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان مەتبۇئاتلىرىنىڭ ھىندىستان مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ بايانىتىنى مەنبە قىلغان خەۋەرىدە، شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 13: 00 دە ماخاراشتىرانىڭ دېڭىز بويى رايونلىرىغا يېتىپ كەلگەن «نىسارگا» قارا بورىنى سەۋەبىدىن قاتتىق يامغۇر ياغقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بوراندىن ئىلگىرى ماخاراشتىرادىن 19 مىڭ كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى. ھىندىستاننىڭ غەربىدىكى باشقا ئۆلكىلەردىن بولسا، تۈمەنلىگەن كىشى بىخەتەر جايلارغا يۆتكەلدى.

ھىندىستاندا مۇشۇ 15 كۈن ئىچىدە ئىككىنچى قېتىم بوران ئاپىتى يۈز بەرگەن بولۇپ، ئاپەت ۋە جىددى ھالەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئورگىنىنىڭ قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى ماخاراشتىرا ۋە گۇجارات ئۆلكىسىگە ئورۇنلاشتى.

سائىتىگە 120 كىلومېتىرلىق سۈرئەتكە چىقىشى مۆلچەرلەنگەن نىسارگا بورىنىنىڭ ماخاراشتىرانىڭ پايتەختى ۋە دۆلەتنىڭ پۇل-مۇئامىلە مەركىزى بولغان بومبايغىمۇ تەسىر كۆرسىتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

ھىندىستان ساقچىلىرى بومباي دېڭىز قىرغىقىدىكى باغچا ۋە سەيلىگاھلارغا كىرىشنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

دائىرىلەر بولۇپمۇ دۆلەتنىڭ غەربىدىكى رايونلاردا ئاھالىلەرنى ئۆيىدىن چىقماسلىققا چاقىرىق قىلدى.

20 – مايدا ھىندىستان ۋە باڭلادېشنىڭ دېڭىز بويى رايونلىرىدا باشلانغان ئامفان قارا بورىنى ئاپىتىدە 106 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر