يەمەندە 5 مىليون 500 مىڭ ئىنسان يېمەكلىك ۋە پاكىز سۇدىن مەھرۇم قېلىشى مۇمكىن

ئەنگىلىيەدىكى «Save The Children»  «بالىلارنى قوغداش» خەير-ساخاۋەت ئورگىنى يەمەندىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتىنى ھەققىدەى دوكلات ئېلان قىلدى.

1428034
يەمەندە 5 مىليون 500 مىڭ ئىنسان يېمەكلىك ۋە پاكىز سۇدىن مەھرۇم قېلىشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگىلىيەدىكى «Save The Children»  «بالىلارنى قوغداش» خەير-ساخاۋەت ئورگىنى تور بېتىنىڭ باياناتىغا ئاساسالانغاندا، 24 خەلقئارالىق ياردەم تەشكىلاتى سىن يىغىنى ئارقىلىق بىر يەرگە جەم بولۇپ،  يەمەندىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلغان ۋە ئورتاق دوكلات ئېلان قىلغان.

يەمەندە خىزمەت قىلىۋاتقان ياردەم تەشكىلاتلىرىغا بۇ يىل قىلىنغان ئىئانىلەردە، بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا 82 مىليون دوللارلىق ئازىيىشنىڭ كۆرۈلىشىنى مۆلچەرلەنگەنلىكى ۋە بۇ ئەھۋالنىڭ تەخمىنەن 5 مىليون 500 مىڭ كىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

دوكلاتتا يەنە بۇ ساھەدىكى ئىئانىنىڭ تۆۋەنلىشىدىن كېلىپ چىقىشى ئېھتىمالى بولغان خەتەرلەر  ئۈستىدىمۇ توختىلىپ،  كۆچمە كىلىنىكىلىق مۇلازىمەتنىڭ بولماسلىقى، ياردەم تەشكىلاتلىرىنىڭ يەمەن خەلقىنى پاكىز سۇ بىلەن تەمىنلە نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن خولېرا كېسىلىنىڭ يېيىلىشى ۋە كوۋىد -19 نىڭ تارقىلىشى مۇمكىنلىكى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا يەمەندە ھازىر 20 مىليوندىن ئارتۇق ئىنساننىڭ يېمەكلىك ياردىمىگە موھتاج ئىكەنلىكى، يەمەندىكى بارلىق ئائىلىلەرنىڭ يېرىمىنىڭ دېگۈدەك قەرز ئېلىش ئارقىلىق يېمەكلىك سېتىۋالىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

يەمەندىكى ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، كوۋىد -19 سەۋەبىدىن 80 ئادەم قازا قىلغان  ۋە 323 كىشىدە ۋىرۇس بايقالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر