ئەنگلىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 39 مىڭدىن ھالقىدى

دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 373 مىڭدىن، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 6 مىليون 333 مىڭدىن، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر سانى 2 مىليون 885 مىڭدىن ئاشتى.

1427516
ئەنگلىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 39 مىڭدىن ھالقىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يۇقۇمنىڭ ياۋروپادىكى مەركىزىگە ئايلانغان ئەنگلىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 111 كىشىنى قوشقاندا يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 39045 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 276332 گە يەتتى.

ئىتالىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 60 كىشىنى قوشقاندا يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 33475 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 233197 گە يەتتى.

فىرانسىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 31 كىشى قوشقاندا يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 28833 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 226831 گە يەتتى.

ئىسپانىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 71 كىشىدە يۇقۇم بايقالغانلىقىنى، يېڭىدىن قازا قىلىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكىنى، يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە قازا قىلغانلار سانىنىڭ 35  ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر