جاممۇ كەشمىردە توقۇنۇش يۈز بەردى

ھىندىستاننىڭ جاممۇ كەشمىر رايونىدا ھىندىستان خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن كەشمىر قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 2 قارشىلىق كۆرسەتكۈچىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1427954
جاممۇ كەشمىردە توقۇنۇش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ھىندىستان ئېكسپرېس» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پۇلۋاما رايونىدا خەۋپسىزلىك كۈچلىرى قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەر ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، كەشمىرلىك ئىككى نەپەر قارشىلىق كۆرسەتكۈچى جېنىدىن ئايرىلغان، ئالاقىدار ئەمەلدارلار، رايوندىكى زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

يەنە بىر تەرەپتىن، چاتىسگارھ ئۆلكىسىدىكى ماۋچى ئىسيانچىلار بىلەن خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، بىر ماۋچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، رايوندىكى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر