ئامېرىكادا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات

ئامېرىكا سەيشەنبە كۈنى مىننېسوتا ئىشتاتىدا ساقچى زوراۋانلىقى سەۋەبىدىن قازا قىلغان جورج فلويىد ئۈچۈن قوزغالدى. ۋەقەنىڭ جاۋاپكارى بولغان ساقچى قولغا ئېلىنغان بولسىمۇ خەلقنىڭ غەزىپى بېسىقمايۋاتماقتا.

1426726
ئامېرىكادا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قارا تەنلىك ئامېرىكىلىقلارنى پات پات ھۇجۇم نىشان قىلىدىغان ۋە كۆپىنچىسى ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى نامايىش كۈنسېرى كۈچەيمەكتە.

كەم دېگەندە 8 ئىشتاتتا، دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ ياردەمگە چاقىرىلغانلىقى، 16 ئىشتاتتىكى 25 شەھەردە كېچىسى كوچىغا چىقىش چەكلەش يوليورۇقى ئېلان قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

نەچچە يۈزلىگەن نامايىشچى مىننېپولىستىكى بىر ساقچىخانىنىڭ ئالدىدا يىغىلىپ، توۋلىغان شۇئارلىرى ۋە كۆتۈرۈشكەن لوزىنكىلىرى ئارقىلىق جورج فلويىد ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلدى.

شەھەردە كوچىغا چىقىش چەكلىمىسى باشلىنىشى بىلەنلا، ساقچىلار نامايىشچىلارغا قاتتىق مۇداخىلە قىلىپ، قىزىلمۇچ گازى پۈركۈش ئارقىلىق تارقاقلاشتۇردى. شەھەردە تۇرۇشلۇق 500 نەپەر دۆلەت مۇداپىئە خادىمىنىڭ سانى 10 مىڭغا چىقىرىلدى.

پرېزىدېنت دونالد ترامپ بولسا «ئارمىيە ۋەقەلەرنى پەسەيتىشكە تەييار» دېگەن سۆزى بىلەن تېخىمۇ نارىزىلىق قوزغىدى.

ترامپ كوچىلارغا چىققان نامايىشچىلارنىڭ فلويىدنىڭ خاتىرىسىگە ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ترامپ: «بۇ تەشكىللىك رادىكال سولچىل گۇرۇپپىلار فلويىدنىڭ خاتىرىسىنى بۇلغىماقتا. ئۇنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن زوراۋانلىق ئاخىرلىشىشى كېرەك. بۇ كىشىلەر، ئاشقۇن گۇرۇپپىلار، بۇلار رادىكال سولچىلار، ناچار كىشىلەر، ئۇلارغا بۇنداق شەكىلدە ھەرىكەت قىلالمايدىغانلىقىنى ئۆگىتىپ قويۇس كېرەك» دېدى.

ترامپ: يەنە مۇنداق دېدى:

«مىننېسوتا كوچىلىرىدا جورج فلويىدنىڭ ئۆلۈمى بىر چوڭ پاجىئە ئىدى، بۇ ھەرگىز يۈز بەرمەسلىكى كېرەك ئىدى. بۇ ۋەقە بارلىق ئامېرىكىلىقلارنى قورقۇنچ، غەزەپ ۋە تەزىيەگە دۇچار قىلدى. ئامېرىكا ئەدالىتى ئەزەلدىن غەزەپلەنگەن ئامما تەرىپىدىن ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئەمەس، غەزەپلەنگەن ئاممىنىڭ بۇ دۆلەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلىشىغا يول قويمايمىز»

دونالد ترامپ ئالدىنقى كۈنى ئاقساراينىڭ ئالدىدا يىغىلغان نامايىشچىلار بۇنى يەنە بىر قېتىم قىلىپ، بىخەتەرلىك كارىدورىدىن بۆسۈپ ئۆتۈشكە ئۇرۇنىدىغان بولسا، «ئىتلار بىلەن كۈتۈۋالىنىدىغانلىقى» نى ئېيتقان ئىدى.

بۇنىڭغا ۋىسەنت قىلمىغان نامايىشچىلار تۈنۈگۈن كەچتە يەنە ئاقساراينىڭ ئالدىغا يىغىلدى. ساقچىلارنىڭ قاتتىق ئارىلىشىشى سەۋەبىدىن يۈزلىگەن كىشى قاتناشقان نامايىش توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كەتتى.

دونالد ترامپ تۋىتتېردىكى مەستانىلىرىدىن ئاقساراي ئالدىدا ئۆزىنى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزىشىنى تەلەپ قىلىپ، «مىننېپولىستىكى بۇلاڭچىلارنىڭ %80 ى ئىشتات سىرتىدىن كەلگەن» دېدى ۋە بۇ كىشىلەرنىڭ ئافرىقىلىق ئامېرىكىلىقلارغا تەۋە كىچىك كارخانىلارغا، ئۆيلەرگە،  ئاممىۋى مال-مۈلۈكلەرگە ۋە مىننېپولىستىكى تىنچلىق ۋە باراۋەرلىكنى خالايدىغانلارغا  ئالاھىدە زىيان سېلىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان جىددىيلىكنى پەسەيتىشنىڭ ئورنىغا «لېبرال ۋالىيلار ۋە شەھەر باشلىقلىرى كەسكىن تەدبىر قوللىنىشى كېرەك، بولمىسا فېدېراتىپ ھۆكۈمەت بۇ ئىشقا ئارىلىشىدۇ ۋە تېگىشلىك بولغاننى قىلىدۇ. بۇ ئارمىيەمىزنىڭ چەكسىز كۈچىدىن پايدىلىنىپ نۇرغۇن كىشىلەرنى قولغا ئېلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. رەھمەت!» دېگەن ئىدى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بولسا، فلويىدنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى بىلەن باشلانغان ۋە زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە ئايلانغان نامايىشقا مۇداخىلە قىلىش ئۈچۈن مىننېسوتادىكى مەسئۇللارغا ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

46 ياشلىق جورج فلويىد سەيشەنبە كۈنى ئالدامچىلىق گۇمانى بىلەن مىننېپولىستىكى ساقچىلار تەرەپىدىن نازارەتكە ئېلىنىش ئەسناسىدا، بىر ساقچىنىڭ تىزى بىلەن ئۇنىڭ بوينىغا بېسىپ تۇرىشى سەۋەبىدىن «نەپەس ئالالمايۋاتىمەن» دېگىنىچە نەچچە مىنۇتقىچە يالۋۇرغان ئىدى.

فلويىدنىڭ دوختۇرخانىدا ۋاپات بولغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان ۋە ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ يانفونلىرى ئارقىلىق تارتقان كۆرۈنۈشلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قاتتىق نارازىلىق ياراتقان ئىدى.

كۆرۈنۈشلەر دۆلەتتە قارا تەنلىكلەرگە قارىتىلغان ساقچى زوراۋانلىقى مۇنازىرىلىرىنى قايتىدىن قوزغىتىپ، نۇرغۇن شەھەرلەردە بولۇپمۇ مىننېپولىستا نامايىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.

مىننىئاپولىستىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئايال نامايىشچى، «ئەسىرلەردىن بۇيان مەۋجۇت بولغان غەزەپ ۋە ئازابقا شاھىت بولدۇق» دېدى.  يەنە بىر نامايىشچى بولسا، «بۇ غەزەپ ۋە ئاچچىقلىنىشنىڭ يوللۇق ئاساسى بار» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر