ئىراندا يۈز بەرگەن توقۇنۇش ئەسكەرلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

ئىراننىڭ غەربىي شىمالىدا دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن قوراللىق گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 3 ئىران ئەسكىرى جېنىدىن ئايرىلدى.

1425572
ئىراندا يۈز بەرگەن توقۇنۇش ئەسكەرلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى (IRNA) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، غەربىي ئەزەربەيجان ئۆلكىسىگە قاراشلىق سەردەست شەھىرىگە يېقىن ئىراق چېگراسى ئەتراپىدا چېگرا قوغدىغۇچىلار بىلەن قوراللىق گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 3 ئىران ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلغان، كۆپ ساندا تېررورچى ئۆلتۈرۈلگەن.

توقۇنۇش يۈز بەرگەن رايون، ئىلگىرىمۇ ئىران ئەسكەرلىرى بىلەن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئىران قانىتى PEJAK  ئتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلارغا سەھنە بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر