نىگېرىيەدە قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ، 60 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى

نىگېرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا قارىغاندا، 60 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان.

1425426
نىگېرىيەدە قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ، 60 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 100 ئەتراپىدىكى قوراللىق موتوسىكلىتلىق ھۇجۇمچىلار، سوكوتو ئۆلكىسىگە قاراشلىق گاركى، دان ئادۇۋا، كۇزارى، كاتۇما ۋە ماساۋا قاتارلىق بىر – بىرىگە قوشنا يېزىلاردا ئەتراپنى قالايمىقان ئوققا تۇتۇپ، 60 ئادەمنىڭ ئۆلۈمى، نۇرغۇن ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

يېقىنقى مەزگىللەردە موتوسىكلىتلىق قوراللىقلارنىڭ ھۇجۇملىرى كۆپىيىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، نىگېرىيەنىڭ بەزى ئۆلكىلىرىدە موتوسىكلىت مېنىش چەكلەنگەنىدى.

رايون، پات – پاتلا چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان فۇلانىلار بىلەن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بەزى قەبىلىلەرنىڭ شىددەتلىك توقۇنۇشلىرىغا سەھنە بولۇپ تۇرىدۇ.

مال – چارۋىلىرىنى ئوتلىتىش ئۈچۈن دۆلەتنىڭ جەنۇبىغا كۆچكەن فۇلانىلار، دېھقانلارنىڭ مال – چارۋىلىرىنى ئوغرىلاشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ۋە ئۆزلىرىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

قوراللىق شايكىلارمۇ مۇشۇ خىل توقۇنۇشلاردىن پايدىلىنىپ كۆزلىرىگە نىشانلىرىغا ھۇجۇم قىلىۋالىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر