رۇسىيەنىڭ سۇ-35 ئايروپىلانلىرى ئامېرىكا چارلاش ئايروپىلانىنىڭ ئۇچۇشىغا توسقۇنلۇق قىلدى

رۇسىيەنىڭ سۇ-35 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى شەرقىي ئاقدېڭىز تەۋەلىكىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ P-8A تىپلىق چارلاش ئايروپىلانغا مۇداخىلە قىلدى.

1424074
رۇسىيەنىڭ سۇ-35 ئايروپىلانلىرى ئامېرىكا چارلاش ئايروپىلانىنىڭ ئۇچۇشىغا توسقۇنلۇق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى بايانات بېرىپ، يېقىنقى ئىككى ئاي ئىچىدە رۇسىيەنىڭ ئۈچىنچى قېتىم ئالتىنچى فىلوغا قاراشلىق چارلاش ئايروپىلانلىرىغا دەخلى قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ، «2020 – يىلى 26 – ماي كۈنى شەرقىي ئاقدېڭىزنىڭ خەلقئارا ھاۋا تەۋەلىكىدە ئۇچۇۋاتقان ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ P-8A  تىپلىق چارلاش ئايروپىلانى 65 مىنۇت بويىچە رۇسىيەنىڭ سۇ-35 تىپلىق ئىككى ئايروپىلانىنىڭ توسقۇنلۇق قىلىشىغا ئۇچرىدى. رۇس ئۇچقۇچىلار P-8A ئايروپلانىنىڭ ئىككى قانىتىغا يېقىنلىشىپ، ئۇنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا چەكلىمە قويغانلىقى ئۈچۈن، بۇ بىخەتەر ۋە كەسپىي بولمىغان توسقۇنلۇق قىلىش دەپ خاتىرىلەندى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

رۇس ئايروپىلانلىرىنىڭمۇ خەلقئارا ھاۋا تەۋەلىكىدە ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، مەزكۇر توسقۇنلۇق قىلىش ھەرىكىتىگە «مەسئۇلىيەتسىزلەرچە» دەپ باھا بېرىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئاپرېل ئېيىدىمۇ رۇس ئايروپىلانلىرى ئىككى قېتىم ئامېرىكانىڭ چارلاش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۇچۇشىغا توسقۇنلۇق قىلغانىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر