خوڭكوڭ پارلامېنتى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

خوڭكوڭدا خىتاي مارشىنى ھاقارەت قىلغانلارنى جازالايدىغان قانۇن لايىھەسى مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان پارلامېنت ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

1424472
خوڭكوڭ پارلامېنتى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: خوڭكوڭ پارلامېنتى ئالدىدا خىتاي مارشىنى ھاقارەت قىلغانلارنى جازالاش ئۈچۈن سۇنۇلغان قانۇن لايىھىسەگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. خوڭكوڭ ساقچىلىرى ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئېتىپ نامايىشچىلارنى تارقىتىۋېتىشكە ئۇرۇندى.

تەنقىدچىلەر خىتاي دۆلەت مارشىغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن لايىھەسىنىڭ خوڭكوڭدىكى پىكىر ئەركىنلىكىگە بېرىلگەن زەربە دەپ قارىماقتا.

بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بولسا، قارارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى ۋە دۆلەتنىڭ سوتسىيالىستىك مەنىۋى قىممەت بايلىقلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

قانۇن لايىھەسى بويىچە، مارشقا ھاقارەت قىلغانلارغا 6 مىڭ 450 دوللارغىچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.

بېيجىڭ ھۆكۈمىتى 2017-يىلى نويابىردا دۆلەت مىللىي مارشىغا ھاقارەت قىلغانلار ۋە كەمسىتىش خاراكتېرلىك ھەرىكەتلەردە بولغانلارنى 15 كۈنگىچە تۇتۇپ تۇرۇش ياكى بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە قاماق جازاسى بېرىش ۋە سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازالىرىنى بېرىشنى تەلەپ قىلغان قانۇن لايىھەسىنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

خوڭكوڭ بىلەن ماكاۋ (ئاۋمېن) دا ئىجرا قىلىش قارار قىلىنغان قانۇن لايىھەسى، پۇتبول ھەۋەسكارلىرى خوڭكوڭدا چەت ئەل پۇتبول كوماندىلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق مۇسابىقىدە، خىتاي دۆلەت مارشى ئوقۇلغاندا مازاق قىلىپ توۋلىغاندىن كېيىن چىقىرىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر