ئامېرىكا بىرازىلىيەدىن كەلگەنلەرنىڭ چېگرادىن ئۆتۈشىنى چەكلىدى

دۇنيادا ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 346 مىڭ 800 دىن، يۇقۇملانغانلار 5 مىليون 513 مىڭدىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 2 مىليون 309 مىڭدىن ئاشتى.

1423152
ئامېرىكا بىرازىلىيەدىن كەلگەنلەرنىڭ چېگرادىن ئۆتۈشىنى چەكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋابانىڭ مەركىزىگە ئايلانغان ئامېرىكادا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 99 مىڭدىن ئاشتى. لاتىن ئامېرىكا قىتئەسىدە ۋابانىڭ مەركىزىگە ئايلانغان بىرازىلىيەدىن ئامېرىكاغا كىرىش توختىتىلدى.

ئاقساراي باياناتچىسى كېيلى ماكېناينى (Kayleigh McEnany) بىرازىلىيەدىن ئامېرىكاغا كەلمەكچى بولغان كىشىلەرنىڭ دۆلەتتىكى ۋابانى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ مەزكۇر چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغانلىقىنى ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكادىن قالسا، دۇنيادا ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش جەھەتتە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان بىرازىلىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 653 كىشى ئېشىپ 22 مىڭ 666 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 5 مىڭ 372 كىشى ئېشىپ 363 مىڭ 211 گە چىقتى.

مېكسىكادا يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 215 كىشى ئېشىپ 7 مىڭ 394 كە، يۇقۇملانغۇچىلار 2 مىڭ 764 كىشى ئېشىپ 68 مىڭ 620 گە چىقتى.

ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ياۋروپادىكى مەركىزىگە ئايلانغان ئەنگلىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە 118 كىشى ئېشىپ 36 مىڭ 793 كە يەتتى، يۇقۇملانغۇچىلار 2 مىڭ 409 كىشى ئېشىپ 259 مىڭ 559 غا چىقتى.

ئىتالىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار لومباردىيا (Lombardiya) رايونىنى ھېسابقا ئالمىغاندا 32 مىڭ 785 كە چىقتى. يۇقۇملانغۇچىلار سانى بولسا، 158 كىشى چۈشۈپ، 56 مىڭ 594 كە تۆۋەنلىدى.

ئىتالىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى لۇچانا لامورجىزى (Luciana Lamorgese) ۋىرۇس تەدبىرلىرى بوشىتىلغاندىن كېيىنكى بىرىنچى ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا سىرتتا بىرلىكتە كۆرۈلگەن ياشلارنى مەسئۇلىيەتچان بولۇشنى، ئەكسىچە بولغاندا، ۋابانىڭ قايتىپ كېلىشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

فىرانسىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە دوختۇرخانىلاردا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 35 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، بۇنىڭ بىلەن ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 28 مىڭ 367 گە چىقتى. يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 115 كىشى ئېشىپ 219 مىڭ 437 گە چىقتى.

ئىسپانىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 70 كىشى ئېشىپ 28 مىڭ 752 گە چىقتى. بىر ھەپتىدىن بۇيان كۈنلۈك ئۆلۈم سانى 100 نىڭ ئاستىدا داۋاملاشتى. يۇقۇملانغۇچىلار بولسا، بىر كۈندە 246 كىشى ئاشتى.

ياۋروپادا ۋۇخەن ۋىرۇسى ئەڭ ئارقىدا بايقالغان قاراتاغدا، ۋىرۇس بايقىلىپ ئارىدىن 68 كۈن ئۆتكەندە يۇقۇمنىڭ قالمىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن توققۇز كىشى جېنىدىن ئايرىلغان بۇ دۆلەتتە، يۇقۇملانغانلار سانى 324 بولدى.       


خەتكۈچ: #ۋىرۇس , #ۋابا

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر